چىن گاڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسى بۇرنىس بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يىمىرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.05.08

 خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ 8-ماي كۈنى ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنىس بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھازىرقى ئەڭ جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا، چىن گاڭنىڭ سۆزى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما نىكولاس بۇرنىسنىڭ ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. باش ئەلچى نىكولاس بۇرنىس 8-ماي تۋىتتېردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ چىن گاڭ بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەپ، ئۇنىڭ بىلەن «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى خىرىس، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەم تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىلارنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى» نى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، چىن گاڭ، خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھادىسە كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا نېگىزلىك ئورتاق تونۇش بولۇشى، دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئۆزئارا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي چەك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئامېرىكا چوقۇم خىتاينىڭ قىزىل سىزىقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشنى توختىتىشى، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە «تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى» نى قوللاشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ چىن گاڭغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ئامېرىكانىڭ سابىق ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ ئۆتكەن يىلى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن رەسمىي ئالاقە قاناللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. ئارقىدىن بۇ يىل 2-ئايدا، خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋاشارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشىدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن خىتاي زىيارىتىنى بىكار قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.