ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت (Pete Hegseth) 5-مارت كۈنى «فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھەمدە «بىز خىتاي بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە ئۇرۇش قىلىشقا تەييار» دېگەن.
«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پىت خېگسېت بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى لايىھەسىگە قارىتا تەھدىت ئارىلاش جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش)دىكى باش ئەلچىخانىسى 4-مارت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ X تىكى ھېساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ، «ئامېرىكا ئارزۇ قىلغان ئۇرۇش تاموژنا ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى ياكى باشقا ھەرقانداق تىپتىكى ئۇرۇش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىشقا تەييار» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت بۇ ھەقتە مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «تىنچلىققا تەشنا بولغان ئادەم جەزمەن ئۇرۇشقا تەييار بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش ئەڭ مۇھىم. چۈنكى تىنچلىق كۈچلۈكلۈكتىن كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك ئارمىيە قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ھەپتىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى 7.2 پىرسەنت ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دەرۋەقە، پىت خېگسېت كۈچلۈك رەۋىشتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈزەڭگىدىن چۈشكەن. ئۇلارنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ھازىر ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشقا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا زادىلا مەۋجۇت بولمىغان ‹خىتاي تەھدىتى› نەزەرىيەسىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ» دېگەن.