رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرى، گېنېرال ئارمىيە شويگۇ: تۇۋالار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇۋادا قالغان قېرىنداشلىرى

0:00 / 0:00

يېقىندا رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرى، گېنېرال ئارمىيە سېرگېي شويگۇ قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا كېلىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان شاردىنوف، دوكتور ئابلىز ئابدۇللايېۋ باشلىق بەش كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن تۇۋالار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىلىرى جۈملىدىن تۈۋادىكى قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى بويىچە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

تۇۋا مىللىتىدىن بولغان رۇسىيىنىڭ گېنېرال ئارمىيە ھەربىي ئۇنۋانىدىكى مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقى، تۇۋا بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت باغلىنىشى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۆتكەن يىلى رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرى، گېنېرال ئارمىيە سېرگېي شويگۇنىڭ باشلامچىلىقىدا رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرە خۆل دەپ ئاتالغان جايىغا جايلاشقان مىلادى 8 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇرنىڭ قەلئەسى پور - باجىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئۇ جايدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا موسكۋا، قازان، سانكتپېتېربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئالىملىرى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت يەنە مەخسۇس بىر فوند ھەم مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى گلىزنوف، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نۇرغالىيېۋ، بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پاترۇشېۋ، موسكۋا شەھەر باشلىقى لۇشكوۋ ھەم تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى شەمىيېۋ ۋە باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رۇسىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە باي-كارخانىچىلار قاتناشقان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدە مىنىستىر شويگۇ قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا كەلگەندە قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان دوكتور ئابلىز ئابدۇللايېۋ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ سېرگېي شويگۇ بىلەن بولغان مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قاتناشقان، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىملار كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى دوكتور ئابلىز ئابدۇللايېۋ ئەپەندى بىلەن مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.