مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (57) : بۇرھان شەھىدىنىڭ خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىگە رەددىيە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2025.03.18
Muhemmed-emin-bughra-Burhan-shehidi مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن بۇرھان شەھىدى ئوتتۇرىسىدا 1948-1949-يىللىرى «شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى» دا ئېلىپ بېرىلغان تارىخ مۇنازىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت
Photo: RFA

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1947-يىلىنىڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى- «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» نىڭ پىروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى مەلۇم. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان «شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى» دېگەن بۇ گۇۋاھنامە ھېلىھەم ئىستانبۇلدىكى «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كۈللىياتى» دا ساقلانماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مەكتەپ تارىخى ھەققىدىكى تەزكىرە ۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىمۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1947-يىلى ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» غا تەكلىپ قىلىنغان 10 نەپەر پىروفېسسور ئىچىدە يېگانە ئۇيغۇر بولغانلىقى بىلىنمەكتە.

ئۇنداقتا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆز دەۋرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دا قانداق دەرسلەرنى ۋە لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن؟

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان بىيوگرافىك يازمىلىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ شۇ يىللاردا ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» نىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تارىخىدىن دەرس بەرگەنلىكى مەلۇم. بۇ ۋاقىتلاردا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1940-1947-يىللار ئارىلىقىدا كەشمىردە بېسىلغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ تاش باسما نۇسخىلىرى ۋەتەن ئىچىگە كىرىشكە باشلىغان، ياشلار ئارىسىدا ۋەتەن تارىخىغا قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغالغان ئىدى. ياش تارىخچى پولات قادىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، «ئۆلكە تارىخى» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئالتاي» نەشرىياتىدا تەسىس قىلىنغان «بىلىم دەرنىكى» ھەر ئايدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ياش ھەۋەسكارلارغا مىللىي تارىخ، تىل-ئەدەبىيات، تېبابەت ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ئىسلام تارىخى ۋە پەلسەپەسى، ھەتتا تەبىئىي پەنلەر بويىچە مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەلەرنى بەرمەكتە ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «دەرنەك» نىڭ ئەڭ ئاساسلىق لېكسىيە سۆزلىگۈچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك تارىخى بويىچە بىرقانچە قېتىملار ئاڭلىغۇچىلارنى ھاياجانغا سالغان لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەنلىكى مەلۇم.

1948-يىلىغا كەلگەندە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ 1940-يىلى كابۇلدا يېزىپ تاماملىغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى باشقىدىن تولۇقلاپ يېزىش، ھەمدە ئۈرۈمچىدە قايتا نەشر قىلىشنى پىلانلايدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتقىچە قولىغا كەلگەن يېڭى ماتېرىياللار ۋە ھۆججەت-ئارخىپلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى قوليازمىسىنى كۈندە بىرقانچە بەتتىن قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈشكە، شۇنداقلا بەزى جايلىرىنى قايتا تولۇقلاپ يېزىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ھەر ھەپتىدە شىنجاڭ ئىنستىتۇتى تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا بىر-ئىككى قېتىم بېرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر-تۈرك تارىخىدىن دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دا سۆزلىگەن تارىخ دەرسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ، شۇنداقلا سولچى ۋە كوممۇنىستلارغا مايىل كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخسۇس تەۋسىيەسى بىلەن 1947-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ پايتەختى نەنجىڭگە بېرىپ، «گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى» دېگەن سالاھىيەت بىلەن مىللەتچى خىتاينىڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق سىياسىي سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇرھان شەھىدى، 1948-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ، «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، «خىزمەت كۆرسىتىش» ۋە «ساداقەت بىلدۈرۈش» نىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مىللىي تارىخ قۇرۇلۇشىغا ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي خوجايىنلىرىنى خوش قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى «شىنجاڭ ئۆلكىسى»نىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدىنى ئاگاھلاندۇرۇپ يازغان ئاخىرىقى مەكتۇبى. بۇغرا مەكتۇبىدا كوممۇنىستلار ۋە سولچىلارنىڭ قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتچى ياشلارنى پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى «شىنجاڭ ئۆلكىسى»نىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدىنى ئاگاھلاندۇرۇپ يازغان ئاخىرىقى مەكتۇبى. بۇغرا مەكتۇبىدا كوممۇنىستلار ۋە سولچىلارنىڭ قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتچى ياشلارنى پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
Xinjiang Tarix Materiyalliri

بۇرھان شەھىدى ئۆزىنىڭ «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» ناملىق ئەسلىمىسىدە يازغىنىدەك، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇ جى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالىي مائارىپ ساھەسىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مىللىي تارىخچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى بايراق كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.

بۇرھان شەھىدى «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنى يىغىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئون مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركى خەلقلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن» دېگەن تارىخىي ھۆكۈمىگە قارشى، «شىنجاڭ ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى» دېگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇرھان شەھىدى يەنە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ھەقلىق ئىگىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركى خەلقلەردۇر. خىتاي، تۇڭگان، مانجۇ، سولۇن دېگەنلەر كېيىن كەلگەن كۆچمەنلەردۇر» دېگەن بايانلىرىغا قارشى «شىنجاڭ بىرلا ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭى ئەمەس، بەلكى 13 مىللەتنىڭ شىنجاڭىدۇر»؛ «ئەگەردە شىنجاڭنى پەقەت بىرلا مىللەتكە تەۋە دېيىلسە، ئۇ چاغدا تار مىللەتچىلىك ياكى ئاشقۇن مىللەتچىلىك خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ» دېگەنلەرنى تەشۋىق قىلىدۇ.

بۇرھان شەھىدىنىڭ خىتايلار ئۈچۈن ياقا يىرتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىنى بازارغا سېلىشى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ يىللاردا تارىخىي تېمىدا يازغان ئىنتايىن كۈچلۈك ماقالىلىرى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئۈرۈمچىدە قايتىدىن بېسىلىشقا باشلىغان سەھىپىلىرى، شۇنداقلا «قۇتلۇق تۈركان» ناملىق تارىخىي ئوپېراسى بىلەن بۇرھاننىڭ سەپسەتىلىرىگە جاۋاب بېرىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا بۇرھان شەھىدىنىڭ «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دا نېمىلەرنى سۆزلىگەنلىكىنى شىكايەت قىلغان چاغدا، بۇغرا قىلچە ئىككىلەنمەستىن: «ئۇنى مىللەتنىڭ خائىنى دەڭلار!» دەپ جاكارلايدۇ.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا جۇغلىغان مول مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ، 1948-1949-يىللىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن بۇرھان شەھىدى ئوتتۇرىسىدا «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» نى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان تارىخ مۇنازىرىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مىللىي تارىخ قۇرۇلۇشىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا بولغان نەچچە مىڭ يىللىق ھەقدارلىق تۇيغۇسى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ «ۋەتەن تارىخىدىكى تۈپ پىرىنسىپ» ھەم بېسىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان «قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى؛ بۇرھان شەھىدى بازارغا سالغان خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىنىڭ ۋەتەنگە خىيانەت، مىللەتكە ئاھانەت كەلتۈرىدىغان ئاساسسىز جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

 (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.