گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خىمىيە سانائىتى شىركىتى قاتتىق ئەيىبلەشلەردىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
2025.04.22

گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مەشھۇر خىمىيە سانائىتى ماگناتلىرىدىن بىرى بولغان BASF شىركىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ شىركەت بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچار بولغان ئىدى.
گېرمانىيەنىڭ BASF خىمىيە سانائىتى شركىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ شېرىكى بولغان شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ۋە ماركور مېيئو خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدىكى پاي چەكلىرىنى سىنگاپورنىڭ ۋېردې خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە سېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر شىركەت باياناتىدا يەنە، بۇ سودىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ماقۇللىقى بىلەن دۈشەنبە كۈنى تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما باياناتىدا ئۆزىنىڭ پاي چەكلىرىنى قانچە پۇلغا ساتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. گېرمانىيەنىڭ BASF شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن بۇ قېتىم ئايرىلىپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىككىنچى گېرمان شىركىتىنىڭ مەزكۇر رايونىدىن ئايرىلىپ چىقىشى بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان ۋولكسۋاگونمۇ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى سېتىپ بۇ رايوندىن چېكىنگەن ئىدى.
گېرمانىيەنىڭ خىمىيە سانائەت ماگناتلىرىدىن BASF شىركىتى 2016-يىلى 1-ئايدا كورلادىكى ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» بىلەن شېرىكلىشىپ پول سىلىقلىغۇچ، سىر ۋە باشقا ئېرىتكۈچى مەھسۇلاتلارنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان خىمىيەلىك ماددا بۇتانېدىئول (BDO) زاۋۇتىنى ئاچقان. BASF شىركىتى شۇ يىلى 7-ئايدا «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» بىلەن كورلا ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يەنە سۈنئىي تالانىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولغان خىمىيەلىك ماددا (Poly THF) يەنى پولىتېترامېتىلېن ئېفىر گلىكول (Polytetramethylene Ether Glycol) ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆتكەن يىلى ئاپرىلدا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتى BASF نىڭ يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان روسېنگارتېن (Rosengarten) مەركىزى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن قارىغاندا، شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارتىن برۇدېرمۈللەر (Martin Brudermüller) شىركەتنىڭ يىللىق يىغىنىدا «خىتاي بازىرىنى داۋاملىق ئېچىش، ئۇ يەردە يېڭى زاۋۇتلارنى قۇرۇش» ھەققىدە سۆز قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى رەت قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەييۇر قۇربان باياناتتىكى سۆزىدە «مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايدا تېخىمۇ كۆپ زاۋۇتلارنى ئاچماقچى بولۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنى كۈچلەندۈرىدۇ» دېگەن. غەييۇر قۇربان سۆزىدە، BASF شىركىتىنى جاۋاب بېرىشكە چاقىرىپ، «شىركەت ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كەلگۈسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى» نى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، دېگەن.
گېرمانىيە سودا گېزىتى «Handelsblatt» نىڭ 2023 - يىلى 5-نويابىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، BASF نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شېرىكى بولغان «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دۆلەت ھامىيلىقىدا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسى بىلەن زىچ باغلىنىشى بار ئىكەن. ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ زدف رادىيوسى بىلەن دېر شپىگېل گېزىتى BASF شىركىتىنىڭ شېرىكى بولغان ماركورنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن نازارەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار ئۈستىدىن توپلىغان ئۇچۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلەپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى. BASF شىركىتى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما شېرىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 2023 - يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى 3 شىركەتنى ئۆزىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ بىرى «شىنجاڭ جوڭتەي گۇرۇھى» بولۇپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن «جوڭتەي گۇرۇھى» ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكتىكى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قاتناشقان» 144 شىركەتنىڭ بىرى بولغان.