ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتىگە ۋە ئەڭ باشتا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا سودا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.
20-فېۋرال، «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13-فېۋرال خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى باياننامىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە باشقا مۇھىم مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن ئۇنىڭدا، خىتاي ئىقتىسادى «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر چەكلىمىگە تولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتلىرىدىن بىرى» دەپ كۆرسىتىلگەن، خىتاي بىلەن سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياننامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئەزەلدىن ئادىل سودا قىلمايدۇ. خىتاي شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە دۆلەتنىڭ زور مىقداردىكى تولۇقلىما ياردىمىدىن بەھرىمەن بولغىنى ئۈچۈن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى پايدىسىز ئەھۋالدا قويىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا شېرىك قىلىدۇ». باياننامىدە يەنە، خىتاي بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ئورنىتىش، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىگە ياردەم بېرىش ھەققىدىكى گەپلەر چىقىرىۋېتىلگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدىكى باياننامىسىدە، «ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ» دېگەن جۈملىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىلانغان بۇ باياننامە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يول خەرىتىسىنى، جۈملىدىن ھۆكۈمەت ئەڭ باشتا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بۇ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىگە تۆھمەت قىلغانلىق، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتىنى داۋراڭ قىلغانلىق» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭىلانغان باياننامىسى پىرېزىدېنت ترامپ فېنتانىلنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن خىتايغا ئون پىرسەنت قوشۇلما تاموژنا بېجى قويغان، ئەگەر بۇ كارغا كەلمىسە خىتايغا يەنە ئۈستىلەپ تاموژنا بېجى قويماقچى بولغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.