ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكى سەۋەبىدىن خىتايدا ئىشلەنگەن كۈنتاختىلارنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025.04.23

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ تەمىنات زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە پارلامېنتى چارشەنبە مەزكۇر شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئاساسلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بارغىنىدا ئەخلاقىي تەمىنات زەنجىرلىرىنى ئىشلىتىشتە بىر يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى مايكول شەڭكس بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، «بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى بىر سانائەت يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ بۇ پەۋقۇلئاددە پاكىز ئېنېرگىيە ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشتا ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىتىدۇ. ئەنگلىيە خەلقى ئۆزى ئىگە بولغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتى بىز ئۆزىمىزنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەلگۈسىمىزنى يارىتىشتا پەخىرلەنگۈدەك بىر ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

ئەنگلىيە ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئېد مىلىباند ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئەنگلىيە ئېنېرگىيە قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن قۇللۇق ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، كەڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىشتە ھۆكۈمەتنىڭ قۇللۇق ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بۇ قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇزۇندىن بېرى خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىلىباندنىڭ مەيدانىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەنگلىيەدىكى پائالىيەتچىلەر بۇنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە ماھمۇت يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەشكىلاتى بۇ غايەت زور غەلىبىنى قارشى ئېلىپ، «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى چىقىرىپ تاشلاش قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلدى. بۇ ئادالەتكە قارىتا تاشلانغان بىر زور قەدەم» دېگەن. ئەنگلىيەلىك پائالىيەتچى ۋە خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفورد تۋىتتېر (X) دا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، «مانا بىز قىلالىدۇق. بۇ قانۇن ئۆزگىرىپ يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۇيغۇر قۇللۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بولدى» دېگەن.  

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىلىباند 21 - مارت كۈنى ئەنگلىيە ئېنېرگىيىسىنىڭ 180 مىليون پوند-ستېرلىڭ قىممىتىدىكى تۇنجى قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 200 مەكتەپنىڭ ئۆگزىسىگە كۈنتاختا بېكىتىلىدىكەن. مىلىباند مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە بىر قىسىم كۈنتاختىلارنىڭ خىتايدىن كېلىدىغىنىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئالتون بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۋىتتېر (X) ھېسابىدا ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكى ئارقىلىق ياسالغان كۈنتاختىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدا ئەنگلىيەنىڭ قولى بولماسلىقىغا چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان 89 ياشلىق دورىت ئولىۋېر ۋولف خانىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەنگلىيە ۋەزىرى كېير ستارمېرغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ تارىختىن ساۋاق ئېلىپ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان. دورىت خانىم ۋەزىرگە يازغان خېتىدە، «بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئېغىر كەلگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە سىزنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن» دېگەن.

دورىت خانىم خېتىدە يەنە، «ئەنگلىيەنىڭ ئېنېرگىيە قانۇنى سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىزگە زور پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يەنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا ئەنگلىيەنىڭ زامانىۋىي قۇللۇق مەھسۇلاتىنىڭ ئەخلەت ساندۇقى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغان پۇرسەتتۇر. چۈنكى بۇ يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان» دېگەن.

ئەنگلىيە ۋەزىرى كېير ستارمېرنىڭ باياناتچىسىمۇ چارشەنبە كۈنى بۇ تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ، «قۇللۇق ئەمگەك يىرگىنىشلىكتۇر. ئۇنىڭ ئەنگلىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلىشىدا ئورنى يوقتۇر» دەپ بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدە ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكىگە چېتىشلىق يۈز بەرگەن بۇ بىر چوڭ غەلىبە نەق ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ 4 - يىلىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئەنگلىيە پارلامېنتى 2021 - يىلى 22 ئاپرىل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.