خىتاينىڭ شېيىن ۋە تېمو شىركەتلىرىنى چەكلەش تەشەببۇسى كۈچەيمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.12

12-فېۋرال، «ۋاشىگتون كۆزەتچىسى» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىنى توردا تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان تېمۇ بىلەن شېيىن شىركەتلىرىنى قۇل ئەمگىكى سەۋەبىدىن چەكلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

توردا ئەرزان بۇيۇملارنى ساتىدىغان تېمۇ بىلەن مودا كىيىم-كېچەك ساتىدىغان شېيىن شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلانغانلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان پاكىتلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئامېرىكادا ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش كەينىگە سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقانىدى، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىش باشلىغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا پوسۇلكىدىن مال سېلىش ئىشلىرىنىڭ تەسلىشىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

«ۋاشىنگتون كۆزەتچىسى» گېزىتىدە چىققان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ شېيىن ۋە تېمۇ شىركەتلىرى ئەرزان ماللىرى ۋە كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. ئەمما بۇ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال نەرسىلەرنىڭ كەينىدە ئۇلارنىڭ قۇل ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىۋاتقانلىقىدەك بىر نومۇسسىزلىق يوشۇرۇنغان. كۆپلىگەن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇلارنىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن باغلانغان. كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ».

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى شېيىن بىلەن تېمۇنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە ئېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئەگەر پىرېزىدېنت ترامپ خىتاي ماللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىشنى شېيىن بىلەن تېمۇدىن باشلىشى كېرەك ئىكەن. چۈنكى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىنى قاپلاش نىسبىتى ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ماللىرىنى چەكلەش ئامېرىكانىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ زۆرۈر تەدبىر ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.