ماركو رۇبىيو:«بىز خىتايغا بېقىنىپ قالغان دۇنيادا ياشىمايمىز!»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو 20-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رۇسىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دائىر بەزى غوللۇق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇخبىرلار ئەڭ زور قىزىقىش ئىچىدە سورىغان سوئاللارنىڭ بىرى ئۇنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەۋقەسىنىڭ قانداقلىقى بولغان. ماركو رۇبىيو بۇنىڭغا قارىتا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتە ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىقتىسادىي زور گەۋدە بولۇۋاتقان خىتاينىڭ رۇسىيەگە ئوخشاشلا دۇنياۋى زور كۈچلەردىن سانىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك زور كۈچ بىلەن ھەربىي تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشمىز زۆرۈر. ئەمما ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىلا قوللاپ كەتمەيمىز. شۇڭا بەزى مەسىلىلەردە بىز رىقابەتچىلەردىن بولساق، يەنە بەزى مەسىلىلەردە بىۋاسىتە رەقىبلەر ھېسابلىنىمىز» دېگەن. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەر بولمىغاندا بۇنىڭ توقۇنۇشقا يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ماركو رۇبىيو خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ قانداق داۋام قىلىشى ھەققىدە سورالغاندا بۇ خىل سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى خىتايغا بېقىنىپ قالغان دۇنيانى پاچاقلاپ تاشلاش ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «شۈبھىسىزكى، بىز قىممەتلىك مىنېرال ماددىلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىقلاردا خىتايغا بېقىنىپ قالغان دۇنيادا ياشىماقچى ئەمەسمىز؛ شۇنداقلا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى خىتايغا بېقىنىپ قالىدىغان دۇنيادىمۇ ياشىماقچى ئەمەسمىز. ھازىر بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ گۆرۈگە ئېلىنغان بېقىندىلىرى قاتارىدا ئولپانچى مەملىكەتلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ھەمدە بىزنىڭ ئۇلار بىلەن سودا ئالاقىسىدە بولۇشىمىز چەكلىنىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇ مىسال قاتارىدا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتايغا ئولپان تاپشۇرىدىغان قارام مەملىكەتلەردىن بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، تىنچ ئوكيان ئەللىرى بىلەن بولغان بۇ مۇناسىۋەتنى كېسىپ تاشلاشنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن «قىزىل سىزىق» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

مۇخبىرلار زور قىزىقىش ئىچىدە سورىغان سوئاللارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە مۇداخىلە قىلسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى قوغداش-قوغدىماسلىقى ھەققىدە بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە كېسىپلا «بىزنىڭ تەيۋەننى قوغداش سىياسىتىمىز ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ. بىز تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇرىمىز» دېگەن. تاجسىمان ۋىرۇسى ھەققىدىكى سوئاللارغىمۇ ئۇ مۇشۇ شەكىلدە ئېنىق جاۋاب بېرىپ بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە جاۋابكارلىقىنى جەزمەن سۈرۈشتە قىلىش لازىملىقىنى ئېيتقان.