ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكاغا زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن سودا ۋە تاموژنا بېجى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلىشىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكاغا زىيارەتكە كېلىشىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن سودا جەھەتتە كېلىشىم تۈزۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما زىيارەتنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى دېمىگەن. پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشى ياكى زىيارەت ئارقىلىق ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلىرىنى يۇمشىتىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ يەنە خىتاي بىلەن «تىك-توك» توغرۇلۇق سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا «تىك-توك» نىڭ ئامېرىكادىكى مۇلازىمىتىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە سېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي رەھبىرى بولغاندىن بۇيان ئامېرىكانى بەش قېتىم زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2023-يىل 11-ئايدا سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر-ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە فېنتانىلنى چەكلەش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. پىرېزىدېنت ترامپ بولسا، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تەيۋەن مەسىلىسى، سودا ۋە «تىك-توك» توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى تەيۋەن مەسىلىسى، «تىك-توك» نى چەكلەش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ ماڭغان. ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا تاموژنا بېجى ۋە سودا جېڭى قوشۇلغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئاساسلىق تەھدىت ئىكەنلىكىدەك بۇ رېئاللىق ئامېرىكادىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي ئۈستىدىن قانداق غالىپ كېلىش پاراسىتىگە باغلىق مەسىلىگە ئايلانغان.