خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنى ياۋروپادا ئويۇن قويغۇزۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلەنمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025.04.15
RFA-uyghur-china-detentioncamp خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن "شىنجاڭ دېگەن ياخشى جاي" ناملىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
Photo: RFA

يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى، ۋەتەندىن چىققان بىر گرۇپپا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ياۋروپادىكى مەشھۇر مەيدانلاردا ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىغان ۋىدىيولىرى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇ ۋىدىيولاردا ئاپتونوم رايونلۇق 12 مۇقام ئانسامبلىنىڭ داڭلىق ناخشىچىلىرى ۋە ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ نەق مەيدان ئويۇنلىرى كۆرسىتىلگەن. ئىجتىمائىي تور بەتلەردە تارقالغان بۇ ۋىدىيولاردا، سەنئەتكارلار ئۇيغۇرچە كلاسسىك ناخشا ئېيتىپ ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئوينىغان. چەتئەللىك تاماشىبىنلار توپلىشىپ ئويۇن كۆرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرغان بۇ سەپەردە، مۇقام ئانسامبلىدىكى ئۇيغۇر ناخشا‏-ئۇسسۇلچىلار فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى دۇنياغا تونۇلغان ئېففېل مۇنارى يېنىدىكى سۇپىدا ۋە ۋېنگېرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپىشتتىكى قەھرىمانلار مەيدانىدا ئويۇن كۆرسەتكەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 - يىلىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىگىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىشى بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر يۈرۈش «شىنجاڭ دىگەن ياخشى جاي» ناملىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. بۇ سەنئەت ئۆمىكى 10 - ئاپرىلدىن 13 - ئاپرىلغىچە بۇ ئىككى دۆلەتنى زىيارەت قىلغان.

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ناخشا‏ ئېتيقۇزۇپ ۋە ئۇسسۇل ئوينىتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ناھايىتى خوشال ياشايدىغانلىقىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېىلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت سىرتىدا ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتى نەق «شىنجاڭ دىگەن ياخشى جاي» بولۇپ، خىتاي ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا ئەۋەتكەن بىر ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكىمۇ تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئويۇن كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىدىن سىرت، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىمۇ بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى تەكلىپ قىلىپ «شىنجاڭ دىگەن ياخشى جاي» نامىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

RFA-Uyghur-1000.jpg
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى چەتئەللەردە قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. (Photo: RFA)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان «شىنجاڭ دىگەن ياخشى جاي» نامىدىكى بۇ تەشۋىقاتىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباس بۇ توغرىسىدا باھا بېرىپ، «خىتاينىڭ ياۋروپادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە بولسا يوق قىلىشى قىپ-قىزىل قىزىلكۆزلۈكتۇر. ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇل ئوينىتىۋاتقان بۇ ھاكىمىيەت بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى جىنايەت دەپ بېكىتكەن، بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىزنى ۋەيرانە قىلغان، تىلىمىزنى چەكلىگەن ۋە سەنئەتكارلىرىمىزنى تۇتقان ھاكىمىيەتتۇر» دېدى. روشەن سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ نىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ئەمەس بەلكى مەدەنىيىتىنى تەشۋىقات قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىپ، «ياۋروپا خىتاينىڭ بۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە ئەرەب‏-مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرى مەلۇم دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەشۋىقاتى غەرب ئەللىرىدە ئاقمىغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە داۋاملىق ھالدا قەدەممۇ-قەدەم غەرب دۆلەتلىرىدە بۇ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارماقتا. خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 2023- يىلى دېكابىردا ئۇيغۇرچە تون كىيىپ پارىژ كوچىلىرى ۋە موزېيخانىلىرىدا يۈرۈپ ئۆزىنى «شىنجاڭلىق» ۋە ئۈستىگە كىيگەن ئۇيغۇرچە كىيىملىرىنى «جوڭگو شىنجاڭ كىيىم مەدەنىيىتى» دەپ چۈشەندۈرگەن بىر جۈپ ئەر‏-ئايالنىڭ ۋىدىيولىرىنى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە ھەمبەھرىلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.