ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە: «بىز ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنىمۇ بىلمەيمىز!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.03.22
irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-1

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-02

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-13

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-12

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-11

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-10

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزېي قارمىقىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى نېئاۋمى كىكولېر (Naomi Kikoler) خانىم رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-09

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-08

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-07

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-06

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-05

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-04

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

irqiy-ghirghinchiliq-muziyi-03

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-مارت، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، بىر مەھەل دۇنيانىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار ساختا ئۇچۇر ئۇرۇشى، بولۇپمۇ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ «نورماللىشىپ بولغانلىقى» غا ئىشىنىپ قېلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

21-مارت كۈنى  كەچقۇرۇن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» (Holocaust Memorial Museum) دا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى.

«تەكرارلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئەمدى تۈگىسۇن!»

ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ھادىسە ئەمەس. بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا يەھۇدىيلار جامائىتى بىر قېتىملىق زور باستۇرۇشقا ھەمدە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا شاھىت بولغاندىن كېيىن، دۇنيا بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى پاجىئەلىرىنىڭ بەكمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ بىر-ئىككى ئەۋلاد بىلەنلا تۈگەپ كەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 1940-يىللارنىڭ ئاخىرى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» ئاياغلاشقاندا «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدە ئوتتۇرىغا چىققان.

ھالبۇكى، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىتى ۋە باشقا تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ خىلدىكى تارىخىي ۋەدىلەرنى تېزلا ئۇنتۇپ قالغان. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن بىرى، «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» نىڭ تىرىك شاھىتلىرىدىن ئېستېر ستاروبىن (Esther Starobin)نىڭ ھايات كەچمىشلىرى بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىساللىرىدىن بولۇپ، ئىككى يېشىدىن تارتىپ مۇشۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئېستېر بۇ قاباھەتنىڭ ئاسارىتىدىن يېشى 70 ئاشقاندىمۇ تېخىچە قۇتۇلالىغىنى يوق. شۇنىڭدەك ھاياتى بويلاپ ئاشۇ خىلدىكى «ھەرگىز قايتىلانماس» قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا-قايتا يۈز بەرگىنىگە شاھىت بولغان. بۇنىڭ ئەڭ يېڭىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەمدە تېزلا ئۇنتۇلۇشقا يۈز تۇتقان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتكەچ بۇ خىلدىكى خاتالارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ خىل پاجىئەلەرنى بىلدۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى، چۈنكى بۇنىڭدا ساۋاق ئېلىشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ مۇشۇلارنى بايان قىلىپ، «ھازىر ئۇيغۇرلار مۇشۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ئادالىتى قەيەردە؟ ھېلىھەم بولسىمۇ بۇ قىرغىنچىلىق تۈگىسۇن، باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن!» دېدى.

 «تېخىمۇ كۆپ قانۇنلار ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم!»

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى ئەڭ كۆپ خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى بولۇپ كەلدى. جۈملىدىن تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلارنى رەسمىي يوسۇندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە بىر قاتار دىپلوماتىك بايقۇت پائالىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل قەبىھ جىنايەتلىرىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈل-كېسىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى خىتاي دۇنياسىغا سىڭدۈرۈۋېتىش ئىكەنلىكى «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرىن (Jim McGovern) نىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدىكى سۆزلىرىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالدى.

مەكگوۋېرننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر قاتارىدا بەزى قانۇنلارنى ماقۇللىغان. بۇ قانۇنلار بولسا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە ئىجابىي رول ئوينىغان. ئەمما بۇ جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىجابىي روللارنى ئويناش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باشقا بىرنەچچە قانۇن لايىھەسى تېخىچە مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە بۇلارنى تېزدىن ئاۋازغا قويۇش نۆۋەتتىكى مۇھىم تەدبىرلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاشۇ جايدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلاردىن سانىلىدۇ.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) نىڭ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەۋەتكەن ئېچىلىش نۇتقىدا ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى مارك لامبېرت (Mark Lambert) نىڭ سۆزلىرىدە بۇ نۇقتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. ئۇلار دۇنيانىڭ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىقى لازىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ھازىر دۇنيا جامائىتىنىڭمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا بۇ قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇ خىل قەبىھلىكلىرىنى مۇشۇ خىلدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە باشقا پائالىيەتلەر شەكلىدە دۇنياغا كۆپلەپ پاش قىلىش، شۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش لازىملىقىنى تىلغا ئالدى.

«قايتا تەربىيەلەنگەنلەر»

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ جانلىق ھېس قىلدۇرغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى «قايتا تەربىيەلەنگەنلەر» ماۋزۇلۇق كارتون فىلىم بولدى. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بويىچە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشتە داڭ چىقارغان «نيۇ-يوركلۇقلار» (The New Yorker) ئۈچ يىل بۇرۇن ئىشلىگەن بۇ كارتون فىلىمىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسىم قازاق شاھىتلىرى باش تېما قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ لاگېردىكى سىياسىي مېڭە يۇيۇشنىڭ قۇربانى بولۇشى، ئۇلار دۇچ كەلگەن روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىسى بويىچە كارتون شەكلىدە نامايان قىلىپ بېرىلگەن.

لاگېرلاردىكى تۈرلۈك دەھشەتلەر شاھىتلارنىڭ ئوخشىمىغان بايانلىرىدا ئورۇن ئالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆرۈنمە ھالىتى بۇ كارتون فىلىمدا تېخىمۇ جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ لاگېرلارنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقاندەك «مەكتەپ» ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان تۈرمىلەرنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان قاماق ئورنى ئىكەنلىكى، بۇ جايغا قامالغانلارنىڭ ھەممىسى تېزدىن ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى ھېس قىلىدىغانلىقى كۆرۈرمەنلەرگە تېزدىن ئايان بولىدۇ. گەرچە قازاقىستان ۋەتەندىشى بولغان ئاز ساندىكى تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىزدەك-سورىقىنى قىلىدىغان ھېچكىمى يوق مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ھېلىھەم ئاشۇ قاباھەتلىك دۇنيادا مەھكۇم ھالەتتە قالغان.

 «بىز ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنىمۇ بىلمەيمىز!»

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئاياغلىشىپ ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقى» ھەققىدىكى كارتىنىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئۇرۇشىدا كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن باش تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە. «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» تەركىبىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمى» نىڭ دىرېكتورى، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نېئاۋمى كىكولېر (Naomi Kikoler) بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا، تىپىك تۇتقۇنلاردىن گۈلشەن ئابباس، ئەخمەتجان جۈمە ۋە قۇربان مامۇتنى ئالاھىدە مىسالغا ئالىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق تۇتقۇنلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تاكى ھازىرغىچە ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش تۈگۈل، ئۇلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى، شۇنىڭدەك تېخى ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس. شۇنداق بولغانىكەن، ئىزدەك-سورىقىنى قىلىدىغان ئادىمى يوق مىليونلىغان تۇتقۇننىڭ ھالى نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.

مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى رايان سام (Rian Thum) نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە دەرۋەقە بىر قىسىم مەلۇماتلار مەۋجۇت. ئەمما بۇ ئۇچۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىق ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» تاقالغان بولسىمۇ بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئېنىق ھۆججىتى يوق. ئەكسىچە بۇ كىشىلەردىن ئاز بىر قىسىملىرىنىڭ ئۆيلىرىدە نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكى، كۆپ قىسمىنىڭ ئاللىقاچان مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمىلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ ئۆزى يەنە نۇرغۇن ساندىكى كىشىلەر ھېلىھەم قاماقتا، دېگەنلىككە باراۋەر. بالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يۆتكىلىشى تېخىمۇ زور كۆلەم ئالماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىشتا شاھىتلارنىڭ رولى پەۋقۇلئاددە زور بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ نۇقتىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى شاھىتلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشنى قەستلەپ كەلگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشتە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتلىرى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلغان. «ئۇيغۇر ئۆتكۈنچى ئەدلىيە سانلىق مەلۇماتلىرى» نىڭ خادىملىرىدىن مۇئەتتەر (Muetter Iliqud) بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەردە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە سۆز بولغاندا، بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بايقىشىچە، خىتاينىڭ «ئۇزۇن قولى» يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتىن باشقا يەنە بۇ قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز قىلىش ئېھتىمالى بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى قورقۇنچ ۋە تەھدىتلەرگە مەھكۇم قىلغان. بۇ كىشىلەر بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ گۇۋاھلىق بېرىش ياكى سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچقان.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەدبىرلىرى ئۆزىگە يارىشا ئۈنۈم يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بۇنىڭغا قارشى چامىسىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملارنى ۋە قىرغىنچىلىقنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش، ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ چەكلىك ماددىي شارائىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ غايەت زور مەبلەغ ھېسابىغا مېڭىۋاتقان ساختا ئۇچۇر ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن خىرىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل تەشكىلاتلارنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىزچىل تۈردە قولىدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ شاھىتلارنى ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن جىنسىي خورلۇق، جىسمانىي قىيناق قاتارلىق قاباھەتلەر توغرىسىدا سۆز قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن مەنىۋى خىزمەتلەر ئىشلەنگەن. ئىككىنچى قەدەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا بۇ مەسىلىلەرنى يەتكۈزۈش ھەمدە ئۇلارنى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىنغان. بۇ جەرياندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ سوتى ئېچىلىپ، سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلغان. نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە رەسمىي قارار ئېلىشقا قايىل قىلىش ئۇلارنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بولۇپ قالغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا كۆپلىگەن خىرىسلار ۋە مۈشكۈلاتلار داۋاملىق ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرىغا چەك قويۇش، ئىسلام دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنى خىتاينىڭ قىلتاقلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداش ئىزدەش قاتارلىق خىزمەتلەر بۇ ساھەدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇپ قالماقتا. بۇ ھەقتىكى مۇھىم تەدبىرلەر قاتارىدا سۆز بولغاندا رەھىمە مەھمۇد «ئامېرىكا ئاللىقاچان بۇ ھەقتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالدى. ئەمما بۇنىڭ تەسىرى بىز كۈتكەندەك بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ داۋانى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئېلىپ چىقىشى كېرەك، دەپ قارايمىز» دەيدۇ.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.