شىنجاڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا تەمبۇر چالغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىيوسىنى تارتقان خىتاي سەنئەتكارنى جازالىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025.04.16
Xitayliq Senetkargha Jerimane Qoyuldi شىنجاڭدا بىر خىتاي سەنئەتكار تەمبۇر چالغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىيوسىنى رۇخسەتسىز تارتقانلىقى ئۈچۈن «فىلىم سانائىتىنى تەرغىب قىلىش قانۇنى»غا ئاساسەن 75000 يۈەن جېرىمانە قويۇلۇپ، قوللانغان ئاپارات ئۈسكۈنىلىرى ۋە تارتقان ماتېرىياللىرى مۇسادىرە قىلىنغان.
Photo: RFA

شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىلنىڭ بېشى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ۋە ھاياتقا تولغان ئۇيغۇر مۇزىكا-سەنئەتلىرىنى ۋىدىيوغا تارتقان بىر خىتاي سەنئەتچىنى خىتاينىڭ بىر قانچە يىل ئىلگىرى تونۇشتۇرىپ تېخى ھېچ كىم جازالانمىغان يېڭى قانۇنى بىلەن جازالىغان.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمنىڭ چارشەنبە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى سەنئەتكار گو جېنمىڭنى رۇقسەتسىز «ئۆز ئالدىغا فىلىم ئىشلەشكە تەمشەلگەن» دېگەن باھانە بىلەن 75000 يۇەن جېرىمانە قويغان، ئاپارات ئۈسكۈنلىرى ۋە قولىدا بار ماتېرىياللارنى مۇسادىرە قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بۇ دېلو توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنى  خىتاينىڭ «فىلىم سانائىتىنى تەرغىب قىلىش قانۇنى» نىڭ  13-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ  2017-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان قانۇننى پۈتۈن خىتاي بويىچە تۇنجى قېتىم خىلاپ قىلىش دېلوسى بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى سەنئەتكار گو جېنمىڭنىڭ تەمبۇر چالغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىيوسىنى تارتقانلىقى ئىكەن.

گو جېنمىڭ چارشەنبە كۈنى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنى قوغداپ، "مېنىڭ سىنغا ئېلىشىم شەخسىي ئىجادىيىتىمدۇر. ئۇ بىر شەخسىي پائالىيەت. شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان سىن ئېلىشلار بولسا سەنئەت خارەكتېرلىك خاتىرەلەردۇر. مەن ئۇنى كىنو ئىشلەش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن دېگىنىم يوق. مەن تارتقان بىر ۋىدىيودا بىر ئۇيغۇر قىز ساز چالىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى بۇنى ماڭا قارشى ئىسپاتلارنىڭ بىرى قىلىپ ئىشلەتكەن" دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «مېنىڭ شەخسىي سىن ئېلىشىم خىتاينىڭ <فىلىم سانائىتىنى تەرغىب قىلىش قانۇنى> غا باغلىق ئەمەس. ئۇلار قانۇننى مۇۋاپىق قوللانمىدى» دېگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، «بۇ سىنلارنى تارتىشنىڭ پۇل تېپىش مەقسىدى يوق. بۇ پەقەت شىنجاڭدىكى ھازىرقى زامان سەنئەتچىلىرى ۋە گۈزەل مەنزىرلىرىنى سىنغا تارتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر شەخسىي سەنئەت پائالىيىتىم» دېگەن.

گو جېنمىڭنىڭ ئادوكاتى لى شوڭبىڭنىڭ بۇ دېلو توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىغا يازغان خېتىدە، «بۇ دېلو خىتاي ھۆكۈمىتى <فىلىم سانائىتىنى تەرغىب قىلىش قانۇنى> نى ئىجرا قىلغان 7 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق <شەخسىي فىلىم تارتىش> سەۋەبىدىن جازا قويۇشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ قانۇن تەشكىللەنگەن فىلىم ئىشلەشكە ئائىت پائالىيەتلەرنى باشقۇرىپ، بەزى ماتېرىياللارنى شەخسىلەرنىڭ فىلىمغا ئېلىشىنى بەلگىلىمەيدۇ» دېگەن. ئادوكات لى شوڭبىڭ  11-ئاپرىل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ھۆكۈم قىلىش يىغىنىدا بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىپ، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى بۇ دېلو مەسىلىسىدە قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئورگان ئەمەس» دېگەن.

  ئادوكات لى شوڭبىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىغا يازغان خېتىدە يەنە مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇ دېلودا ئۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇقتىن ھالقىپ ئىش بېجىرگەنلىكى، شۇنداقلا گو جېنمىڭنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان ئاپارات-ئۈسكۈنلىرى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى دەرھال قايتۇرىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا قويۇلغان جېرىمانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خېلىدىن بۇيان سەنئەتكار گو جېنمىڭنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان بولۇپ، ئۇ 2022-يىلى نويابىردا پۈتۈن خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ كوۋىد قامالىغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن 15 كۈن سولاقتا ياتقان ئىكەن. شۇ يىلى نويابىرنىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئۇنىڭدا ياشايدىغان 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قامال سىياسىتى سەۋەبىدىن بىنادىن تېشىغا چىقالماي ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.