خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش تەشۋىقات فىلىمىدا ئۇيغۇردىن پايدىلانغان
2025.04.14

تايلاند خەلقى سوڭكران دەپ ئاتايدىغان ئەنئەنىۋىي يېڭى يىلىنى ھەر يىلى 13-ئاپرېل تەبرىكلەيدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى ئەلچىخانىسى بۇ بايرامدا مەخسۇس بىر قىسقا فىلىم ئىشلىگەن ۋە ئۇنىڭدا بىر ئۇيغۇر قىزنى باش پېرسوناژ قىلغان.
خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر فىلىمنى فەيسبۇك ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تايلاندا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى باش رول ئوينىغان. فىلىمدا بۇ قىز باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن باڭكوكتىكى بازارلارنى ئايلىنىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارىدۇ. ئۇلار تايلاندنىڭ يەرلىك ئۇسۇلىدا يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار خىتاي باش ئەلچىسى خەن جىچياڭ بىلەن يېڭى يىللىق تىلەك تىلىشىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. فىلىم «تايلاند بىلەن خىتاي خەلقى قولنى قولغا تۇتاشتۇرۇپ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان جەمئىيەتنى يارىتىدۇ. سوڭكران كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن» دېگەن خەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
بۇ يىل 27-فېۋرال، تايلاند ھۆكۈمىتى 10 نەچچە يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 40 نەپىرىنى مەخپىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، تايلاندنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا تايلاندتىكى بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان بارلىق ئەمەلدارلارنى جازالىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان تايلاند ئەمەلدارلىرى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلار يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان.
تايلاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش باھانىسىدە ئىشلىگەن بۇ فىلىمدا بىر ئۇيغۇر قىزنى باش پېرسوناژ قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا تايلاندىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر ئۇرۇنۇشى دەپ قارالماقتا.