خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى «يوقلاش» قا ماڭغان تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاگاھلاندۇرۇلدى
2025.03.19

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تايلاند ھۆكۈمىتى كۈچلۈك خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلگەنىدى. بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا تايلاند ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇخبىرلار بىلەن بىرگە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغانلىقى ۋە ئۆزلىرى قايتۇرۇۋەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رادىيومىز بىنار خەۋەرلىرى بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ 18-مارت سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ سەپىرى ھارپىسىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىيارىتىدە قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 5 نەپىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، قالغانلار ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىپ بولغان بولغاچقا ئۇلار بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلار بولۇپ، فۇمتام ۋېيچاياچاي ئۇلارنى دوختۇرخانىدا زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:
«بىز بىر كۈتۈنۈش مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىشىمىز ۋە مۇمكىن بولسا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىمىز.»
ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند رەھبەرلىرىنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتنى دېيىشىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۇزاقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىلگىنىڭىزدەك بۇ تايلاند ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان بىر زىيارەت. ئۇيغۇر رايونى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالار بىلەن كونترول قىلىدىغان بىر جاي. تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپى ئىچىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلار بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋالىنى مەلۇم قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقىمۇ بىز كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئاقارتىش تەشۋىقاتىغا قاتناشماسلىققا چاقىرغان ئىدۇق.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 18-مارت كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتىگە قارىتا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىدىغان بۇ زىيارىتىدە تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە تىرىشىشقا چاقىرغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا دىرېكتورى ئېلىئىن پېرسون مۇنداق دېگەن:
«شىنجاڭنى زىيارەت قىلىدىغان تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان ۋە سەھنىلەشتۈرۈلگەن زىيارەتلىرىدە رەسىمگە چۈشۈپ قايتىپ كەلمەسلىكى كېرەك. ئەكسىچە، ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك. تايلاند ھۆكۈمىتى 40 نەپەر ئۇيغۇر ئەرنىڭ ئەھۋالىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئاشكارا خەۋەر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ كىشىلەرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇش سەۋەبلىك تۆكۈلگەن ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك» دېگەن.
مايا ۋاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي كۆرسىتىشنى خالىمىغاننى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىز ئۇلارنى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز. ئەگەر خىتاي 5 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن ئۇچراشتۇرىمىز دېگەن بولسا، ئۇ ھالدا قالغان 35 نەپەر ئۇيغۇر قەيەردە، ئۇلار كىملەر، ئىسىملىرى نېمە؟ نەدە ياشايدۇ؟ ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن دىپلوماتلار ۋە خەلقئارالىق مۇخبىرلار كۆرۈشمەكچى بولسا، قايسى ئادرېسقا بېرىشى كېرەك؟ ئۇلارنىڭ ئېنىق ئادرېسى نېمە؟ بىزگە مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي ئۇچۇرلار لازىم.»
دىققەت قوزغايدىغىنى، ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى، تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزى داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ يەنە بۇ قېتىملىق زىيارىتى مەزگىلىدە 2015-يىلى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كەم دېگەندە بىر نەپىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى دېگەن.
تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2-ئايدا 40 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرغاندا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇندىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، تايلاندنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە ئىتتەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن مايا ۋاڭ تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 2015-يىلى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىشىنى باھالاپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ھېلىھەم خىتايغا ماسلىشىپ تەشۋىقات ئويۇنى ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە بۇ زىيارەتنىڭ چىنلىقىغا قارىتا كۈچلۈك ئەندىشە مەۋجۇت. جۈملىدىن، تايلاندنىڭ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقارتىش تەشۋىقاتىغا داۋاملىق ماسلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى بىزنى قايغۇغا سالماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى ئاساسلىق سۇيىئىستېمال قىلغۇچى دۆلەت بولسا خىتاي. ئۇ، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بۇ يەرگە زىيارەتكە ئەكەلدى. ئەمدى، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ئويۇنىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ-بولماسلىق بىر ھېسابتا تايلاند ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا. ئۇلار تەشۋىقات رەسىملىرىگە چۈشۈشنى رەت قىلالامدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلالامدۇ؟ توسالغۇسىز زىيارەت تەلەپ قىلالامدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتەلەمدۇ؟ بىز بۇ زىيارەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز.»
تايلاند ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ 3-دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى مەخپىي ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتى كۈچلۈك خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو تايلاندنىڭ ھەرىكىتىنى «ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» جاكارلاش بىلەن بىرگە يەنە، تايلاند ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە چېتىلىدىغان بارلىق ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى ئېلان قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ 13-مارت كۈنى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەش ھەققىدە قارارنامە ماقۇللىدى.
17-مارت كۈنى يەنە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مېرىيام لېكسىمەن خانىم (Miriam M. Lexmann) پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاياتىي خەۋپكە ئۇچرايدىغان ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«تايلاند زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغدىمىدى، ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرىنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلدى.»
ئۇ يەنە، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئەزا دۆلەتلىرىگە چاقىرىق قىلىپ: «بۇ ۋەقە بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىمىز ۋە شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قىممەت قارىشىمىزدا چىڭ تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزگە سالدى. پىرىنسىپ ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەت بولغاندىلا كىشىلىك ھوقۇققا ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىمىزگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تايلاند ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ قايسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قارار بېرىشى كېرەك» دەپ سۆز قىلغان.