خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرىشى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن
2025.04.15
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ ماڭغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە پات يېقىندا كېلىشمىسە بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بەلگىلىك دەرىجىدە، ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ سودا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى مىللىي دارامىتى پەسكويغا چۈشىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قۇرۇلتاي جەريانىدا ئۆزىنىڭ 2025-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى، يەنى مىللىي دارامەت نىسبىتىنى 5 پىرسەنتكە ئۆستۈرىمىز دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل ئۆزىنىڭ مىللىي دارامەت نىسبىتىنى 5 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. چۈنكى خەلقئارالىق ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى مىللىي دارامىتىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۆسۈشنىڭ ئورنىغا بىر-ئىككى پىرسەنت تۆۋەنلەيدىكەن.
شىۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە ھازىرقى شارائىتتا تاموژنا بېجىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن خىتاينىڭ بۇ يىللىق مىللىي دارامىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىككى پىرسەنت كەينىگە سۆرۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىمىزدىكى سودا پەسلىدە خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتى 3 دىن 2 قىسمى كېمىيىپ، ئامېرىكاغا 2025-يىلى قاراتقان ئومۇمىي ئېكسپورتى 10 پىرسەنت ئازىيىدىكەن.
گولدمان ساكس بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتايدىكى 10 دىن 20 مىليونغىچە ئىشچى ئىشلەپچىقىرىپ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار ئامېرىكا پرېزىدېنتى خىتايغا قويغان تاموژنا بېجى چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ بانكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تاموژنا بېجى بىلەن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىردىنلا ئازىيىشى بىرلىشىپ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە خىزمەت بازىرىغا يېتەرلىك بېسىم پەيدا قىلىدىكەن.
ئەنگلىيە BBC رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى ۋيېتنامنى زىيارەت قىلغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ئىسمىنى ئاتىماستىن تۇرۇپ ۋيېتنامنىڭ «بىر تەرەپلىمە زومىگەرلىك»كە قارشى تۇرۇشىغا چاقىرىق قىلغان ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ ۋيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى تو لام بىلەن كۆرۈشكىنىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىرلىكتە بىر تەرەپلىمە زومىگەرلىك»كە قارشى تۇرايلى دەپ بىلدۈرگەن. BBC خەۋىرىدە يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ دۈشەنبىدە ئېيتقان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئۇلار ئالامەت بىر يىغىن ئاچتى. يىغىندا ئامېرىكانى قانداق جايلاشنى ئويلاشتى» دېگەن.
بلۇمبېرگنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن يەنە بىر خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلان شىركەتلىرىگە ئامېرىكانىڭ بوئىڭ شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىنى زاكاس قىلماسلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەنلىكى ئېيتىلغان. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يەنە ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال توپىلارنى توختاتقان ئىكەن.
بلۇمبېرگنىڭ سەيشەنبە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بېسىم قىلغان. ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لىۋىت بۇ توغرىسىدا، «ئەمدى تاللاش خىتايغا مەنسۇپ. خىتاي بىز بىلەن كېلىشىشى كېرەك. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن كېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق... خىتاينىڭ بىزنىڭ ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلىرىمىزغا ئېھتىياجى بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ پۇلىمىزغا ئېھتىياجى بار» دېگەن.
ئامېرىكادىكى مەشھۇر مەبلەغ سالغۇچى كېۋىن ئولېئارىنىڭ دۈشەنبە كۈنى فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ توقۇنۇشتا يېڭىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەبلەغ سالغۇچى ئولېئارى سۆزىدە «گەرچە مەن خىتايغا 400 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇشنى ئارزۇ قىلساممۇ، ئەمما ئۇ بەك يوغان گەپ. 100 پىرسەنتتىن ئارتۇقلا باج ھەممە سودىنى ۋەيران قىلىدۇ. شى جىنپىڭ ۋاقتى كەلگەندە ترامپ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىككى قېتىم سۇنغان زەيتۇن شېخىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر» دېگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ مالىيە زايومىنى بازارغا قويسا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنىڭ كۈچى يوق. مانا بۇ ئىقتىساد دېگەن شۇ. ئەگەر ئۇ مالىيە زايومنى سېتىشنى باشلىسا، دوللارنىڭ قىممىتى چۈشۈپ، ئۇنىڭ (خەلق) پۇلى ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئاساسەن يېڭىلىدۇ» دېگەن.