ئاق ساراي: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قويغان ئومۇمىي تاموژنا بېجى 145 پىرسەنت
2025.04.10
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجى بۈگۈندىن تارتىپ رەسمىي كۈچگە ئىگە بولۇپ، ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ باجنىڭ ئومۇمىي سانى 145 پىرسەنتكە يەتكەن. بۇ سان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ تۈنۈگۈن خىتايغا قارشى ئېلان قىلغان 125 پىرسەنتتىن يەنە 20 پىرسەنت يۇقىرى ئىكەن.
ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاق سارايدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مەزكۇر تېلېۋىزىيەنىڭ مۇخبىرىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا باجلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ ئەمەلىيەتتە 145 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ ئومۇمىي سان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان 125 پىرسەنت بېجىدىن سىرت، يەنە ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك فېنتانىلغا مۇناسىۋەتلىك قويغان 20 پىرسەنت باجنى قوشقاندا جەمئىي 145 پىرسەنت بولىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ تۈنۈگۈن خىتايغا 125 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن بۈگۈن ئامېرىكاغا قارشى يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكاغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە بىرلىك-سەپ قۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە كۈندىن بېرى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكاغا قارشى بىرلىك-سەپ قۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بىرلىك-سەپ قۇرۇپ ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇشنى خالىمىغان.
ئەنگلىيە BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىسى شاۋچيەن "ئامېرىكانىڭ زومىگەرلىكى ۋە بوزەك قىلىشىغا" ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قارشى تۇرۇشى «بىردىن-بىر يول» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېز بۇنىڭغا جاۋابەن، «بىز ئۆز ئالدىمىزغا ئىش ئېلىپ بارىمىز» دېگەن بولسا، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ مەسىلىدە «خىتاي بىلەن قول تۇتۇشۇپ» بىرگە ماڭمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس، «بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش مەسىلىسى، خىتاي بىلەن ئورتاق مەيداندا تۇرۇش مەسىلىسى ئەمەس» دەپ بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيەگە 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە بۇنىڭدىن ئانچە خوش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكاغا قارشى تاموژنا بېجى قويماي بۇ مەسىلىنى ئاق ساراي بىلەن سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللىغان ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدىن باشقا يەنە ھىندىستانمۇ خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر بىرلىكى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلار بىلەن ئامېرىكاغا قارشى بىرلىك-سەپ قۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلاردىن ئېنىق سادا چىقمىغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياۋروپا بىرلىكى بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئەمما ياپونىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىش يولىنى تاللىمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن پەيشەنبە كۈنى «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ مەھرۇم بولۇشى، شۇنداقلا خەلقئارالىق سودا قائىدەلىرى ۋە كۆپتەرەپلىمە سودا سىستېمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ» دېگەن.