خىتاي ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي 125 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويدى
2025.04.11
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكاغا 84 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان بېجىنى 125 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجى 10-ئاپرېلدىن تارتىپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان باجنىڭ ئومۇمىي سانى ھازىر 145 پىرسەنتكە يەتكەن. بۇ سان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتايغا قارشى ئېلان قىلغان 125 پىرسەنتتىن يەنە 20 پىرسەنت يۇقىرى ئىدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ يەنە ئامېرىكاغا قارشى تاموژنا بېجىنى 125 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لىن جەن جۈمە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «سودا ياكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا غەلىبە قازىنىدىغان تەرەپ بولمايدۇ. خىتاي تەرەپ سودا ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇپ كەتمەيدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ ئەزەلدىن كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر قانچە كۈندىن بېرى ئۆزىنىڭ داھىسى دەپ قارىلىدىغان ماۋ زېدوڭنىڭ ئەينى زاماندا ئامېرىكانى ھاقارەتلەپ «ئامېرىكا بولسا بىر قەغەز يولۋاس» دېگەن قىسقا سىن فىلىمىنى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە كەڭ تارقاتتى.
«CNN» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى جۈمە كۈنى خىتاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى 125 پىرسەنتكە چىقىرىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پرېزىدېنت ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى دەۋەت قىلغان ئىكەن. شى جىنپىڭ بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا نەق ئامېرىكا ئارزۇ قىلغاننىڭ تەتۈرىنى قىلغان.
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدىن باشلاپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە 3 كۈن زىيارەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەن. شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان بۇ سەپىرىدە ۋېتنام، مالايسىيە ۋە كامبودىيەلەرنى زىيارەت قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا قويغان تاموژنا بېجىنى 125 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تېخى بۇنىڭغا قارشى بىر ھەرىكەت قوللانمىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ يەنە خىتايغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى يەنە يۇقىرىغا كۆتۈرۈشى ياكى كۆتۈرمەسلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئامېرىكادىكى بەزى ئانالىزچىلار ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويىدىغان تاموژنا بېجىنى تېخىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆتۈرۈشىنى قوللىماقتا.
ئامېرىكادىكى داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي بىلەن سودا قىلىپ كەلگەن كەۋىن ئولېرى چارشەنبە كۈنى CNN نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغىنىدا، «مەن خىتايغا 400 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمەن. مەن خىتاي بىلەن سودا قىلىمەن. ئۇلار قائىدە بىلەن ئىش قىلمايدۇ. ئۇلار دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگىلى 10-20 يىللار بولدى، ئەمما ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزى بۇ تەشكىلاتقا كىرىشتىن بۇرۇن رىئايە قىلىمىز دەپ ۋەدە قىلغان قائىدىلەرگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار يالغان گەپ قىلىدۇ، ئوغۇرلايدۇ، ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغۇرلايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ سوتىدا ئەرز قىلمايمەن. ئۇلار بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز ۋە تېخنىكىمىزنى ئوغۇرلاپ، ئاندىن مەھسۇلاتلارنى ياساپ بىزگە قايتا ساتىدۇ» دېگەن.
ئەنگلىيەنىڭ تېلېگرام گېزىتىگە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بەنېدىكت روجېرزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ بازارلىرىنى خىتايغا تاقىۋېتەلىسە، بۇ شى جىنپىڭنىڭ موللاق ئېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن.