ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنى قىزغىن قارشى ئالدى
2025.04.03

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتايغا 34 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى جون مۇلېنار، «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئامېرىكانىڭ كەڭ قوساقلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىزنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىمىزنى ئوغۇرلىدى ۋە ئىشچىلىرىمىزنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇردى. پرېزىدېنت ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى ۋە مەن بۇ يىلنىڭ بېشى تونۇشتۇرغان خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەت سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدىغان <ئادىل سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش> قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ» دېگەن. مۇلېنار سۆزىدە يەنە، «خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەت سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدىغان، ئامېرىكانىڭ ئىشچىلىرىنى باشقا قويىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى» دېگەن.
ياۋروپا بىرلىكىنىڭ پايتەختى برۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيومۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو تۋىتتېردا (X) ئېلان قىلغان سۆزىدە، «بۇ ئۇنچىلىك مۇرەككەپ ئەمەس. خىتاي بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز ۋە گۈللىنىشىمىزگە تەھدىتتۇر. بىز بۈگۈنكى ھىندى-تىنچ ئوكيان شېرىكلىكىمىز بىلەن ئېچىلغان يىغىنىمىزدا، بۇ رايوننىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ۋە ئادىل بولمىغان سودا سىياسەتلىرىدىن خالى بولۇشىغا كېلىشتۇق. چۈنكى بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز بۇنىڭغا تايىنىدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتايغا قارشى 34 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ پايچەك بازىرى ۋە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدە زور چۈشۈش بولغان. رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپ تاموژنا بېجىنى ئېلان قىلىشى بىلەنلا خىتاينىڭ پايچەك بازىرى چۈشۈشكە باشلاپ، خەلق پۇلى يەتتە ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت سودا توقۇنۇشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆستۈرۈپ بۇ يىلقى مىللىي دارامىتىنى 5 پىرسەنتكە يەتكۈزىمىز دېگەن پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تەس ئىكەن.
پرېزىدېنت ترامپ بۇ قېتىم تاموژنا بېجى قويغان دۆلەتلەر تىزىملىكى ئىچىدە تەيۋەنمۇ تىزىلغان بولۇپ، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى ئايرىم بىر مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئىكەن. سىياسىي ئانالىزچى ئايزاك ستون-فىشنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ تاموژنا بېجى تىزىملىكىدە تەيۋەننى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تەيۋەننى ئەڭ ئوچۇق شەكىلدە بىر دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ دۆلەتلەر تىزىملىكىدە خىتاي بىرىنچى، ياۋروپا بىرلىكى ئىككىنچى، ۋېتنام ئۈچىنچى ۋە تەيۋەن تۆتىنچى ئورۇنغا قويۇلغان ئىكەن.
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شې فېڭ پەيشەنبە كۈنى تۋىتتېردا (X) بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «تەيۋەن بولسا خىتاينىڭ تەيۋەنى» دەپ يازغان.