ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتايغا 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكاغا قارشى 84 پىرسەنت باج قويغان
2025.04.09
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي ئامېرىكاغا 34 پىرسەنت قايتۇرما زەربە خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويغىنىغا قارشى خىتايغا چارشەنبىدىن باشلاپ 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تەن بەرمەي چارشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا يەنە 50 پىرسەنت باج قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا قويغان ئومۇمىي باج نىسبىتىنى 84 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەن. خىتاينىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قويغان بۇ تاموژنا بېجى 10-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
خىتاي سودا مىنىستېرلىكىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ھۆججىتىدە، «ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا چەكلىمىلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتسە، خىتاي ئۆزىنىڭ قاتتىق ئىرادىسى ۋە مول تەدبىرلىرى ئارقىلىق زۆرۈر تېپىلغان قايتۇرما تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدۇ» دېيىلگەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت چارشەنبە كۈنى فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، «خىتاينىڭ كېلىپ سۆھبەت قىلمىغانلىقى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش چۈنكى خىتاي خەلقئارالىق سودا سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىسى» دېگەن.
«CNN» تېلېۋىزىيەسىنىڭ سەيشەنبە بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لىۋىت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چارشەنبىدىن باشلاپ خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. باياناتچى لىۋىت سۆزىدە، «ئامېرىكاغا قارشى قايتۇرما زەربە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ئىشچىلىرىنى خورلاش ئۇرۇنۇشىدىن يانمىغان خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىر چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. چۈنكى پرېزىدېنت ترامپنىڭ پولاتتەك ئۇمۇرتقىسى بار. ئۇ سۇنمايدۇ» دېگەن.
پرېزىدېنت ترامپ دەسلەپتە فېۋرالدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. ئۇ ئۆتكەن ئايدا بۇ باجنى ئىككى ھەسسە ئۆستۈردى. پرېزىدېنت ترامپ 2-ئاپرېل كۈنى خىتايغا 34 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكاغا قارشى 34 پىرسەنت باج ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى خىتايغا يەنە 50 پىرسەنت باج قوشۇپ قويغان ئىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتايغا 50 پىرسەنت باج قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى چىرايلىق سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكانى سەيشەنبە كۈنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە «ئاخىرغىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى» جاكارلىغان ئىدى. نەتىجىدە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا 8-ئاپرېل چۈشكىچە بەرگەن مۆھلىتى ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى چارشەنبىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى ئەيىبلەپ، «خىتاي بىزگە قارشى تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرسە بىزگە نېمە زىيىنى؟ بىز ئۇلار بىزگە ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئېكسپورت قىلىمىز. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرغىنى ئۇتتۇرغان» دېگەن. مىنىستىر بېسېنتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بۇ ئاينىڭ بېشى 180 دىن ئارتۇق دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان شەكىلدە تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، 70 كە يېقىن دۆلەت ئاق ساراي بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللىغان ئىكەن.
ياۋرو خەۋىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتلەر ياۋروپا بىرلىكى بولۇپ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ۋون دېر لېيېن سۆزىدە «ياۋروپا ھەر زامان ياخشى سودىلىشىشقا تەييار» دېگەن. پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا بىرلىكىگە 20 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. ياۋروپا بىرلىكىمۇ بۇ مەسىلىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا چارشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا قارشى 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان.