ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ پاناما قانىلىغا داۋاملىق تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت (Pete Hegseth) مۇشۇ ھەپتە پاناماغا قاراتقان 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ پاناما قانىلىنى كونترول قىلىشىنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېت پاناما پرېزىدېنتى خوسېي رائۇل مۇلىنو (José Raúl Mulino) بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن يېڭى پورتنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئېلىپ بارغان لېنتا كېسىش مۇراسىمىدا ئامېرىكانىڭ خىتاي ياكى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ پاناما قانىلىنىڭ مەشغۇلاتلىرىغا تەھدىد قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىنىستىر خېگسېت سۆزىدە، «ئامېرىكا بىلەن پاناما بۇ مەقسەتتە يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئۆتكەنكى 10 نەچچە يىلغا قارىغاندا بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق» دېگەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېت سۆزىدە يەنە خىتاي شىركىتىنىڭ بۇ قانالغا مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى داۋاملىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، «بۇ خىتاينىڭ پانامانىڭ ھەممىلا يېرىدە نازارەت ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى يارىتىپ بېرىدۇ. مانا بۇ پاناما بىلەن ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، باي ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىممى كارتېرنىڭ ئامېرىكانىڭ قولىدىكى پاناما قانىلىنى پاناماغا 1 دوللارغا بېرىۋەتكەنلىكى ۋە بۇ قانالنىڭ ھازىر خىتاينىڭ كونتروللىقىدا ئىكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. پرېزىدېنت ترامپ پاناما ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخودلىرىنىڭ يۇقىرى تۆلەم ئېلىپ ئۆتكۈزىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ قانالنى قايتا ئامېرىكانىڭ قولىغا ئېلىۋېلىش كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆزىنىڭ تورىدا بۇ توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېت بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە پاناما بىلەن بىرلىكتە پاناما قانىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ خىتاينىڭ يامان تەسىرىگە قارشى تۇرىدىغان كۈچەيگەن شېرىكلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن ئىكەن. خېگسېت سۆزىدە، «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بېسىمىغا تەن بېرىدىغان زامان ئاخىرلاشتى. خىتاينىڭ بۇ قىتئەدىكى ئىستراتېگىيەلىك يەرلەر ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈستىدە كېڭىيىۋاتقان دۈشمەنلەرچە كونترول قىلىشىغا قاراپ تۇرمايمىز» دېگەن. ئۇ ئاخىرىدا، «پاناما قانىلى بولسا بىر ئاساسلىق ئەسلىھە. ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە چوقۇم پاناما بىلەن ئامېرىكا ئىگە بولۇشى، ھەرگىزمۇ خىتاي بولماسلىقى كېرەك» دېگەن.

خىتاينىڭ پانامادىكى ئەلچىخانىسى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتنىڭ بۇ زىيارىتىدىن راھەتسىز بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۋىتتېر (X) ھېسابىدا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پانامانى مەجبۇرلىماقتا دەپ بىلدۈرگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە، پانامانىڭ كىم بىلەن سودا قىلىشى «پانامانىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قارارى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېگەن.