ئامېرىكا «فوكس خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 14-يانۋار بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بېرى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئايرىم-ئايرىم ھالدا بالتىق دېڭىزى بىلەن جەنۇبى دېڭىز ئاستىدىكى ئېلېكتىر كابېلىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ خەلقئارالىق كابېلنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدا قەستەنلىك بار دەپ قارالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا يۇقىرىقى ئىككى مۇھىم دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بۇزغۇنچىلىق ئىزچىل ئېغىرلاشقان. 2024-يىل 11-ئايدىن باشلاپ بىر قانچە ئايدا، بۇ ئىككى دېڭىز ئاستىدىكى ئېلېكتىر كابېلىغا ھۇجۇم قىلىش كۆپەيگەن ۋە ئەڭ چوڭ گۇماندار رۇسىيە بىلەن خىتاي دەپ قارالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كاجا كاللاس (Kaja Kallas) رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا سۇ ئاستى كابېلىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە ھۆكۈمىتى كۆپ يىللاردىن بېرى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، تور ھۇجۇمى قىلىش، نېفىتنى كوزىر قىلىش دېگەندەك ۋاسىتىلەر بىلەن ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. بىز دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس پەقەت رۇسىيەلا ئەمەس، ئەلۋەتتە» .
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2024-يىل 11-ئايدا بالتىق دېڭىزى ئاستىدىكى ئىككى ئېلېكتىر كابېلى ئۈزۈۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي بايرىقىنى ئاسقان سودا كېمىسى بۇ بۇزغۇنچىلىققا مەسئۇل دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈلگەن. 11-ئاينىڭ 17-كۈنى يەنە شىۋېتسىيە بىلەن لىتۋا ئارىلىقىدىكى دېڭىز ئاستى ئېلېكتىر كابېلى ۋە فىنلاندىيە بىلەن گېرمانىيە ئارىلىقىدىكى دېڭىز ئاستى تېلېگراف كابېلى ئۈزۈۋېتىلگەن. بۇ ۋەقە 2023-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن ئوخشاش بولۇپ، شۇ يىلى بالتىق دېڭىز ئاستىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى بىلەن شىۋېتسىيە-ئېستونىيە ئارىلىقىدىكى ئىككى ئېلېكتىر كابېلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان؛ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، «شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى» ناملىق خىتاي كېمىسىنىڭ فىنلاندىيە دېڭىز قولتۇقىدا 100 ئىنگلىز مىلى مۇساپە بويىچە لەڭگەرنى سۆرەپ يۈرگەنلىكىدەك گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى بايقالغان.
بۇنداق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى دېڭىز ئاستى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ غەربتىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.