ئازادلىق رادىيوسى 20-فېۋرال كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، خىتاي قارىماققا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنى قوللايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتنىڭ بۇنىڭ ئەكسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئەربابلىرى يېقىندا رىيادتا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 21-فېۋرال كۈنى سۆز قىلىپ «خىتاي تىنچلىق ئۈچۈن بېغىشلانغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ، جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە رۇسىيە يېقىندا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە تىنچلىق سۆھبىتىدە ‹ئىجابىي رول ئويناش› نى خالايدۇ» دېگەن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ۋە سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش خىتاينىڭ خاتىرجەمسىزلىكىنى كۈچەيتمەكتىكەن.
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جورج بۇش مەزگىلىدە ئاقسارايدا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان دەننىس ۋىلدېر (Dennis Wilder) ئازادلىق رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە «خىتاي ترامپ سايلانغاندىن بېرى بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتاتتى. ئەمدى بۇ ئەندىشە رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر ترامپ ھەقىقەتەن رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا موسكۋانىڭ خىتايغا بولغان بېقىنىشى ئازىيىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە موسكۋا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى تۈزگەن. يەنى ئۇلار بۇ ئۇرۇشنى ئامېرىكاىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتىكى توسالغۇ دەپ قارايدىكەن.
لوندون خان جەمەتى بىرلەشمە مۇلازىمەت ئىنستىتۇتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى سارى ئارخو ھاۋرېن ئازادلىق رادىيوسىغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە خىتاي ئاجىز رۇسىيەنى كۆرۈشنى خالايدۇ، ھەتتا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش بېيجىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئامېرىكىنىڭ زېھنىنى ھىندى-تىنچ ئوكياندىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ».
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەتنى ھەل قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى سىياسەت نىشانى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بۇ يولدا ھەتتا ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايونلارنى دىققىتىدىن ساقىت قىلىشى مۇمكىنكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقساراي ئەمەلدارى ئازادلىق رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە «خىتاي-رۇسىيە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئامېرىكىنىڭ موسكۋا بىلەن بولغان ئالاقىنى نورماللاشتۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويغان.