ئۇيغۇر ئېلىدە 2024-يىللىق «كونا ئۆيلەرنى چېقىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش» قۇرۇلۇشى تاماملانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.11

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 11-نويابىر كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2024-يىللىق «شىنجاڭنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» تاماملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق ئوتلاق ئورۇنلىرىدا 20 مىڭ 850 تۇرالغۇ ۋە مال قوتانلىرى سېلىنغان بولسا، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان ناھىيە-يېزىلاردا «خەتەرلىك ئۆي» لەر چېقىلىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق 24 مىڭ 200 ئۆي سېلىنغان.

 خەۋەردە دېيىلىشىچە، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر 12 مىڭغا يېقىن كادىرنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىگەندىن باشقا، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالاقىدار مۇتەخەسسىس ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ئاھالىلەرگە خىزمەت ئىشلەشكە مەسئۇل قىلغان بولسا، مۇتەخەسسىس ۋە تېخنىك خادىملارنى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا، يەنى چېقىش ۋە سېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلغان.

2024-يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاينىڭ تىك-توك، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بىڭتۈەن ۋە يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر خىل باھانىلەردە چېقىلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇرالغۇلىرى ۋە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ شىكايەتلىرى بايان قىلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرى كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىغانىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلدىن باشلاپ ئەۋجىگە چىققان لاگېرلارغا قاماش دولقۇنىدا ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قورۇ-جايلىرىنىڭ «كونا ئۆي، خەتەرلىك ئۆي» دەپ چېقىۋېتىلگەنلىكى ياكى ئۆزگەرتىلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىلا ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىسىز قالغان ئۆي-جايلىرى تارتىۋېلىنغان ياكى چېقىۋېتىلگەنىكەن.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاينىڭ قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ، ئۆي-جاي تۇرالغۇ ماكانلىرىنى قوغداش ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا قانۇن ھەر ۋاقىت سىياسەتكە بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل قانۇنلار ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنمايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.