تاجىكىستاندىكى يەر تەۋرەش قەشقەردىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىنغان

23-فېۋرال كۈنى، تاجىكىستاندا 7.2 بال يەر تەۋرىگەن. شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بۇ يەر تەۋرەش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھېس قىلىنغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ دېيىشىچە، تاجىكىستاندىكى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ئۇيغۇر ئېلىدىن تەخمىنەن 82 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ، قەشقەر، ئاتۇش ۋە ھەتتا ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك دەرىجىدە ھېس قىلىنغان. دائىرىلەر ھازىرچە ۋەقەدە جان ۋە مال چىقىمى ھەققىدە خەۋەر كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يەر تەۋرىگەندە ئۇيغۇر ئېلى تۆمۈر يول تارماقلىرى جەنۇبقا قاتنايدىغان پويىز يولىنىڭ ئاقسۇ-قەشقەر بۆلىكىدىكى پويىزلارنى دەرھال توختاتقان. توختىتىلغان پويىزلار ئۈرۈمچى-قەشقەر، ئۈرۈمچى-خوتەن، ئۈرۈمچى-ئارال قاتارلىق پويىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دائىرىلەر يەنە، يەر تەۋرەشتىن كېيىن قەشقەردىكى توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالاقە خىزمەتلىرىنىڭ نورمال داۋام قىلغانلىقىنى ئېيتقان.