20-ماي كۈنى سائەت بىر ئەتراپىدا، ئاتۇشنىڭ يېزا-كەنتلەر مەركەزلەشكەن رايونىدا 5.2 بال يەر تەۋرىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى 10 كىلومېتىر دائىرە ئىچىگە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان نۇرغۇن يېزا-كەنتلەر جايلاشقان ئىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يەر تەۋرەشتىن ئىككى سائەت كېيىن بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ھازىرغىچە تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان بۇزغۇنچىلىق، يارىلىنىش ۋە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. نۆۋەتتە، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى قەشقەر قاتارلىق قوشنا رايونلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك رەۋىشتە ھېس قىلىنغانلىقى، قەشقەر شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ «يەر تەۋرىگەندە سىلكىنىشنىڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولغانلىقى ۋە بىر قانچە سېكۇنت داۋاملاشقانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش، بۇ يىل 1-ئايدا ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقچى، ئۇلۇغچات قاتارلىق ناھىيەلىرىدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن، مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن ئەڭ قاتتىق يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇچتۇرپان ۋە ئۇلۇغچاتتىكى يەر تەۋرەش 7.1 بال بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشتە 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 5 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرگەن ئىدى. دائىرىلەر ئالدىنقى قېتىم يەر تەۋرەشنىڭ ھەقىقىي بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى ۋە كۆلىمىگە دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، توردا بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇر تارقاتقان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم قاتارلىق يېزىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتاي يەر تەۋرەش پونكىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 10 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە شېھىت كەنتى، ئاچىبۇلاق، مەشھەت قاتارلىق نۇرغۇن يېزا-كەنتلەر جايلاشقان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە 98 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرىگە 128 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى، نۆۋەتتە يەر تەۋرەش رايونىدا 13 ئاپتوموبىل، 50 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئىككى ئالدىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.