خىتاي ئۈرۈمچىدە «سۈنئىي ئەقىل ۋە ئاخبارات ئۆزگىرىشى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن چاقىرغان
2024.10.14
ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتتا ھەم غەرب ئەللىرىدىكى دېموكراتىك سايلامغا قول تىقىشتا، سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە «سۈنئىي ئەقىل ۋە ئاخبارات ئۆزگىرىشى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن چاقىرغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىغىننىڭ 13-ئۆكتەبىردىن 17-ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، يىغىننى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىشىپ چاقىرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ۋە «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىشىگە قارشى «شىنجاڭنىڭ ئىجابىي ئوبرازى» نى يېيىش ھەرىكىتى قوزغىغاندىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدە چاقىرغان ئەڭ زور كۆلەملىك خەلقئارا ئاخبارات يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخباراتى يىغىنىنىڭ «سۈنئىي ئەقىل ۋە ئاخبارات ئۆزگىرىشى» دېگەن تېمىدىكى بۇ قېتىملىق يىغىنىغا 106 دۆلەتتىن 500 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى، ئۇلارنىڭ 208 ئاخبارات ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يىغىن سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى، ئۇنىڭ دۇنيا ئاخبارات ساھەسىگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتى ۋە خىرىسى، تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يېڭى دولقۇنى ۋە سانائەت ئۆزگىرىشىدە ئاخباراتنىڭ رولى ھەم مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا يەر شارى زامانىۋىلىشىشىنىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات ھېكايىسىنى قانداق ئۈنۈملۈك سۆزلەش» نى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
ھالبۇكى، بۇ تېما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلىشىگە قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى ئۈنۈملۈك سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ يىغىننىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا. «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن 14-ئۆكتەبىر «ئۈرۈمچى ئاخباراتى» نى ئېلان قىلىپ، «سۈنئىي ئەقىلنى باشقۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.