ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنلىرىنى چىڭىتىدىكەن

«بلۇمبېرگ خەۋەرلەر تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ داڭلىق سۈنئىي ئەقىل ئۆزەك لايىھەلىگۈچىسى بولغان Nvidia شىركىتىنىڭ خىتايغا ئەڭ ئىلغار ئۆزەكلەرنى سېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قوشۇمچە چەكلىمىلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەكتىكەن. بۇ يۇقىرىقى شىركەتنىڭ مەخسۇس خىتاي ئۈچۈن لايىھەلىگەن سۈنئىي ئەقىل يۇمشاق دېتالى ۋە مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئۆزىكىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلىلا قارار چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە ئېرىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، Nvidia شىركىتى بۇ چەكلىمىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ئۈچۈن، خىتايغا ئايرىم ئۆزەك لايىھەلەپ سېتىشنى داۋام قىلىۋەرگەن. تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 1 تىرىللىيون دوللارلىق زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولغان سۈنئىي ئەقىل مودېلى «تېرەن تىنتىش» (DeepSeek)نىڭ دەل بۇ ئۆزەكلەردىن پايدىلىنىپ ياسالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكادا كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلىي (Josh Hawley) بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى يۇقىرى تېخنىكا بايلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان. 29-يانۋار كۈنى تونۇشتۇرۇلغان بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئىمپورت قىلىشىنى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى ھەمدە ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىكەن.

جوش خاۋلېي باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەر بىر دوللار ھەمدە ھەرقانداق بىر سانلىق مەلۇمات ئاخىرى بېرىپ ئامېرىكاغا قارشى ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ رەقىبىنى كۈچلەندۈرمەسلىكى كېرەك».