«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» (New York Times) نىڭ 18-مارتتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، «دىپسىك» (DeepSeek) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن بۇيان بەس بەس بىلەن سۈنئىي ئەقىل ئەپى دىپسىك (DeepSeek) نى ئىشلىتىشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرى ‹دىپسىك› (DeepSeek) نى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە قانۇنىي ھۆكۈم تەييارلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىدىكى فۇجۇدىكى بىر دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار ئۇنى داۋالاش پىلانىنى تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر مېيجوۋدا، ھۆكۈمەت ياردەم لىنىيەسىدە دىپسىك (DeepSeek) نى ئىشلىتىپ جاۋاب بېرىدۇ. خوڭكوڭغا يېقىن شەھەر شېنجېندا يوقاپ كەتكەن ياكى يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كىشىلەرنى ئىزدەۋاتقان ئەمەلدارلار كۆزىتىش سىنئالغۇسىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن دىپسىك (DeepSeek) نى ئىشلەتكەن ۋە كەم دېگەندە 300 ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئىزىنى قوغلىيالىغان».
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپسىك (DeepSeek) خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا ئۇچۇر تارقىتىدىكەن. يېقىندا، خىتاينىڭ دىپسىك (DeepSeek) سۈنئىي ئەقىل ئەپ دېتالىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرىدىغان قورالغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات كومىتېتى ئەزاسى دېرىن لاخۇد (Darin LaHood) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جوش گوتتخايمېر (Josh Gottheimer) دىپسىك (DeepSeek) نىڭ ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدە قوللىنىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغانىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا خىتاي تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىگە قارىتا جاسۇسلۇق قىلىش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.