تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ماھمۇت گۈرجان ئۈرۈمچىدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.02.21

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ھەمدە تۈركىيەنىڭ «خىبيا خەۋەر ئاگېنتلىقى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ماھمۇت گۈرجان (Mahmut Gürcan) باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 21-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان.

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ھەيئەتنى كۈتۈۋالغان، ئىككى تەرەپ تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يىغىندا ماشىڭرۈي يەنە تۈركىيە تەرەپ بىلەن «شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىنى توغرا چۈشىنىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش» قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئەمما تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. تۈركىيە مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ماھمۇت گۈرجان ئۆزىنىڭ X تە ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ بۇ ھەقتە توختالمىغان. ئۇ 21-فېۋرال كۈنى X  كە يوللىغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:

«بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئۈرۈمچى ئەركىن سودا رايونىدا قۇرۇلغان خىتاي-تۈركىيە سودا مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق. تۈركىيە ئېكسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە يەر شارى قىممەت زەنجىرىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئېرىشىش يولىدا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كەلدى… ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بۇ مەركەز پەقەت سودا بولۇپلا قالماي، بەلكى سىجىل ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۆھپە قوشىدۇ.»

ئۇ سۆزى داۋامىدا، خىتاي سودا تەرەققىيات ۋە دوستلۇق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتقان ۋە تۈركىيە-خىتاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ ھېسابلىنىدىغان ماھمۇت گۈرجان ئەپەندى بۇ بايانىدا، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى ياكى ھېلىھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالمىغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا بۇ ھەقتە بىر سۆز بولغان بولمىغانلىقى نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.