تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاكان فىداننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.06.06

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاكان فىداننىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمىي زىيارىتى 5-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى ئاياغلاشقان. ئۇ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى قەشقەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەشقەردىكى زىيارىتىگە دائىر سىن كۆرۈنۈشلىرى تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا كەڭ تارقىتىلغان. بولۇپمۇ بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە خاكان فىداننىڭ 80 ياشلىق بىر ئۇيغۇر موماي بىلەن قىلغان قىسقىغىنە سۆھبىتى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. چۈنكى خاكان فىداننىڭ موماي بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا «بىزگە دۇئا قىلىپ قويۇڭ» دېيىشى، موماينى تەمتىرىتىپ قويغان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

خاكان فىدان قەشقەردە 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلىرى مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى ھېسابلىنىدىغان «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرەسىنى زىيارەت قىلغان. خاكان فىدان X تىكى رەسمىي ھېسابىدا قىلغان سۆزىدە «ئۆزىنىڭ تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان نۇرغۇن تارىخىي شەھەرلەر قاتارىدا قەشقەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقى» نى ئىپادە قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلمىغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فاكان فىداننىڭ بۇ زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالماسلىقى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ھەمدە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن يالقۇن ئۇلۇيول «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە «ئىككى دۆلەت ئەلۋەتتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك. ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلايدۇ ۋە قانۇنلاشتۇرىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

 «يېڭى ئەرەب» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تۈرك ئەمەلدارى مەزكۇر گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، «خاكان فىداننىڭ خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئەمما تۈركىيە خەلقى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئالاھىدە سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بۇ ئەمەلدار يەنە خاكان فىداننىڭ خىتاي تەرەپكە «بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنى يوقىتىشنىڭ كۆپچىلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى» نى ئەسكەرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاكان فىدان، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2012-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن بۇيان، شۇنداقلا 2017-يىلى رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.