ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن برۇسسېلدا كۆرۈشكەن

ياۋروپا بىرلىكىگە تۇنجى قېتىم سەپەر قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو جۈمە كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن برۇسسېلدا كۆرۈشكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنىدا ئايرىم كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتتا ئوينايدىغان مۇھىم رولىنى تەستىقلىغان.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشكەندە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبى قىسمىنىڭ (تۈركىيەنىڭ) بىخەتەرلىكى، ئورتاق ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈش ۋە بۇ رايوندىكى رىقابەتلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى بۇ ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ برۇسسېلدا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆرۈشۈش مەزمۇنى توغرىسىدا بىرنېمە دېمىگەن.

بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى بولماستىن، ئۇلار تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا ۋاشىنگتوندا سۆھبەتتە بولغان ئىدى. ئۇلار 25-مارت كۈنى كۆرۈشكىنىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو خاقان فىدان بىلەن ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك ۋە سودا قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو ياۋروپاغا قىلغان بۇ ئۈچ كۈنلۈك سەپىرى جەريانىدا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەندە ئېچىلغان ئالىي ئۇچرىشىشقا قاتناشقان. مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشقا پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزايېۋ ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيەن بىلەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى ئانتونىيو كوستا قاتناشقان. بۇ ئۇچرىشىشقا يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى بىلەن بۇ 5 ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق بۇ ئالىي ئۇچرىشىشتا سودا، ئېنېرگىيە، ھاۋا كېلىمات ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ياۋروپا بىرلىكى بىلەن بۇ 5 سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى روسىيە 2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ يېقىنلاشقان ئىكەن.