تۈركىيەنىڭ تارىخىي ئايا سوفىيا مۇزېيىنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىش قارارى، خرىستىيانلار، قوشنا ئەللەر ۋە تارىخشۇناسلارنى مەيۈسلەندۈرگەن.
9-ئىيۇل تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان 1934-يىلىدىن بۇيان مۇزېي قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئايا سوفىيا چېركاۋىنىڭ مەسچىتكە ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ قايتىدىن ناماز ئوقۇشقا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئايا سوفىيا چېركاۋى 6-ئەسىردە يەنى مىلادى 537-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى جاستىنىيان تەرىپىدىن كونستانتىنوپول يېرىم ئارىلىغا قۇرۇلغان. 1453-يىلى كونستانتىنوپول فاتىھ مەھمەت سۇلتان تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندىن كېيىن مەسچىتكە ئۆزگەرتىلگەن. 1934-يىلى مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك تەرىپىدىن مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە شۇندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ دىندىن خالىي دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان.
ھالبۇكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي مەھكىمىسى ھېسابلىنىدىغان دانىشتاي مىنىستىرلىقى يەنى دۆلەت كېڭىشى ئايا سوفىيانىڭ «قانۇنسىز ھالدا مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەن» لىكى ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن.
مەزكۇر پەرمان ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە پرېزىدېنتى بىر بۇيرۇقنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئايا سوفىيانى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كۈلتۈر مىنىستىرلىقىدىن دىيانەت ئىشلار ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارار ئەنئەنىۋى خرىستىيانلارنى ۋەھىمىگە سالغان بولسا، تارىخچى ۋە مۇزېي تەتقىقاتچىلىرىنى ئايا سوفىيادىكى ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشىلەندۈگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، گرېنۋىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تارىخ پەنلىرى لېكتورى مايكېل تالبوت مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بۇنى مەسچىت قىلامدۇ-قىلمامدۇ، بۇنىڭ مەن بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. ئەمما مېنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى تارىخىي ئاسارئەتىقىلەرنىڭ تەقدىرى. چۈنكى ئۇلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭلا مۈلكى ئەمەس، بەلكى ئۇلار پۈتۈن دۇنياغا تەۋە مىراسلار دۇر.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، كونستانتىنوپول ۋە ئايا سوفىيانىڭ قولدىن كېتىشى پەيدا قىلغان روھىي ئاسارەت ئورتودوكس خرىستىيانلار ئارىسىدا ئەسىرلەپ داۋام قىلغان بولسا، ھېلى ھەم تەلتۆكۈس غايىب بولۇپ كەتمىگەن. شۇڭلاشقىمۇ تۈركىيەنىڭ مەزكۇر قارارى گىرېتسىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» گە بۇ ھەقتە سۆز قىلغان گىرېتسىيەنىڭ كۈلتۈر مىنىستىرى لىنا مېندونى تۈركىيەنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ «پۈتكۈل دۇنياغا ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنغان قۇتراتقۇلۇق» بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.