خوتەن قاشتېشى خورىماس خەزىنىمۇ؟

0:00 / 0:00

خوتەن قاشتېشى تارىختىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە «غەربىي يۇرتنىڭ ئاجايىباتلىرى» قاتارىدا ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن بولۇپ، قاشتېشىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ قاشتېشى قېزىش بارغانسېرى مىڭلىغان كىشىلەرنى «چاقماق تېزلىكىدە بېيىشنىڭ يېڭى يولى» قاتارىدا ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدىكى كۆپلىگەن تىراگېدىيەلىك كىرىزىسلار ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى خوتەن قاشتېشىنى قالايمىقان ئېچىشقا «قاتتىق زەربە» بەرمەكچى

ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە قاشتېشىنى قالايمىقان قېزىشنى چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، يۇرۇڭقاش ۋە باشقا دەريا ساھىللىرىدا قاشتېشىنى قانۇنسىز ۋە قالايمىقان قېزىش يەنىلا داۋام قىلىپ كەلگەن. نەتىجىدە خوتەننى يالغۇز قاشتېشى بايلىقى بىلەنلا ئەمەس، مۇھىمى ھاياتلىق سۈيى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان يۇرۇڭقاش دەرياسى تېزلا خوتەن ۋىلايىتىدە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغان.

خوتەن ۋىلايىتى ۋە خوتەن شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر، بۇ نۆۋەت 2-ئاي كىرىشى بىلەن بۇنى تۈزەشكە تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن، ئارقا-ئارقىدىن چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

قاشتېشى پىششىقلاش زاۋۇتىغا تىزىپ قويۇلغان، يوغان قاشتېشىدىن ئۇيۇپ چىقىرىلغان تىمساھ. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
قاشتېشى پىششىقلاش زاۋۇتىغا تىزىپ قويۇلغان، يوغان قاشتېشىدىن ئۇيۇپ چىقىرىلغان تىمساھ. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن. (AFP)

بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشلاردا قاشتېشىنى قانۇنسىز كولاشقا زەربە بېرىشتە تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللانغانلىقىنى ۋە قوراللىق ساقچى ئەۋەتىپ بىر نەچچە مۇھىم كان ئورنىنى يېقىندىن قوغدايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئاگاھلاندۇرۇشلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز مۇھىم رايونلاردا تور تەكشۈرۈشى ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز»، «قاشتېشى قېزىش رايونىدىكى ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە كۆچمە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلۇپ، قانۇنسىز كان ئۈسكۈنىلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قانۇنسىز قاشتېشى قېزىشنى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىمىز.»

ئەسكەرتىلىشىچە بۇ تەدبىرلەر ھۆكۈمەتنىڭ خوتەن قاشتېشى قېزىشتىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتىكى «قەتئىي ئىرادىسى» ۋە «كۈچلۈك تىرىشچانلىقى» نى نامايان قىلىدىكەن.

خىتاي خەزىنە ئوۋچىلىرى: «ھازىر قاشتېشىنى تاپماق ئاسان ئەمەس!»

ھالبۇكى دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋىدىيولاردىن دائىرىلەرنىڭ بۇ نۆۋەت چەكلىمە ئېلان قىلىشى ماھىيەتتە يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەريالاردىن قاشتېشى تېرىپ بىر كۈندىلا باي بولۇپ كېتىش ھەۋىسىدىكى «قاشتېشى ئوۋچىلىرى» نى رىغبەتلەندۈرۈش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. تېخى يېقىنقى كۈنلەردە خوتەنگە يېتىپ كەلگەن خىتايلارنىڭ دوۋيىندا تارقاتقان بىر ۋىدىيوسىدا، ئۇلارنىڭ يۇرۇڭقاش دەريا ساھىلىدا «قاشتېشى قېزىش چەكلىنىدۇ» دېگەن چوڭ قىزىل خەتلىك ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنتمۇ قىلماي، ھەتتا شۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرى قويۇلغان جاينىڭ ئۆزىدىكى توسۇقلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ساھىلغا كىرىۋاتقانلىقى ۋە خالىغانچە تاش تېرىۋاتقانلىقىدەك قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

خوتەنلىك بىر قاشتېشى سودىگىرى نېمە ئۈچۈن قاچاق يول ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى؟Opens in new window ]

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورلۇقنىڭ كاپىتال مەنبەسى خوتەن قاشتېشى» مۇ؟Opens in new window ]

خوتەن قاشتېشى ئۇيغۇرلاردىن ئۇزاقلاشماقتاOpens in new window ]

خىتايدىكى قاشتېشى سودىسى تور سۇپىلىرىدا بەزىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى قاشتېشى بايلىقىنى قالايمىقان ئېچىشنى قاتتىق چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغاندىمۇ، ئالىي دەرىجىلىك قاشتېشى ماتېرىياللارنىڭ باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا تورلاردا «ئېچىش چەكلەنگەندىن كېيىن، خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى ئۆرلەمدۇ؟» دېگەندەك مۇنازىرىلەر قىزىپ كەتكەن.

بۇ قېتىمقى چەكلەش تەدبىرىنىڭ چىقىشى خىتاي خەزىنە ئوۋچىلىرىنىڭ تېزلىكتە خوتەنگە قاراپ ئېقىشىنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر «ھازىر يۇرۇڭقاشتىن قاش تېپىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس» دېيىشكەن؛ يەنە بەزىلەر بولسا قاشتېشى ئۇچرىمىغان تەقدىردىمۇ شۇ باھانىدە خوتەنگە بېرىپ ماكانلىشىشنىڭ يەنىلا ياخشى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ھەقتىكى يازمىلارنىڭ بىرىدە «بەلكىم دەل مۇشۇ ‹گۆھەر› يۇرۇڭقاش دەرياسىنى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى چۈش ماكانىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

خوتەن قاشتېشى قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يېقىندىن بۇيان يۇرۇڭقاش دەرياسى «خىتايدىكى ئەڭ قىممەت دەريا» دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.

خوتەن شەھىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 325 كىلومېتىر. بۇ دەريا قۇرۇم (كوئىنلۇن) تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇزلۇقتىن پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن ناھىيە ۋە شەھەرلەردىن ئۆتىدۇ. ئاخىرىدا تارىم ئويمانلىقىغا ئېقىپ، قاراقاش دەرياسى بىلەن بىرلىشىپ خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. نۆۋەتتە خوتەندىن تېپىلغان ئېسىل تاشلارنىڭ تۈرى 72 خىلغا، بۇنىڭ ئىچىدە قاشتېشىنىڭ تۇرىلا 44 خىلغا يېتىدۇ. بولۇپمۇ يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن چىقىدىغان ئالىي دەرىجىلىك سۈزۈك ئاق قاشتېشى، يېشىل قاشتېشى ۋە قارا قاشتېشى بايلىقى نۆۋەتتە «گۆھەر» گە ئايلانماقتا. شۇڭىمۇ مەيلى تارىخىي قىممەت ياكى ئىقتىسادىي قىممەت نۇقتىسىدىن بولسۇن يۇرۇڭقاش دەرياسى ئاز ئۇچرايدىغان خەزىنە ھېسابلىنىدۇ.

تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا خوتەن قاشتېشى رۇدىسىنىڭ تارىخى 8000 مىڭ يىللار ئەتراپىدا بولۇپ، خوتەن خەلقى قاشتېشىنى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئەتىۋارلىق زىبۇ-زىننەت سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. شۇنداقلا قىممەتلىك بويۇم سۈپىتىدە سودا يوللىرى ئارقىلىق خىتاي تەۋەسىگە ھەمدە باشقا ئەللەرگە توشۇلغان. قاشتېشى سودىسى «يىپەك يولى» دىنمۇ بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، خوتەن قاشتېشىنىڭ رەسمىي قېزىلىش تارىخى ئاز دېگەندىمۇ بەش مىڭ يىل ئەتراپىدا ئىكەن. ھالبۇكى، قايتا ھاسىل بولمايدىغان قاشتېشى يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە زىيادە قېزىش ۋە قالايمىقان كولاش سەۋەبىدىن چوڭقۇر كولىمىغىچە تاپقىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان. دەريا ساھىلى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىتىغىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە، قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوتەن قاشتېشىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقى ئاللىقاچان ئايدىڭلاشقان ۋە باھانىڭ ئۆسۈشى مۇقەررەر يۈزلىنىشكە ئايلانغان. ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى چەكلىمىسى بولسا شۇ سەۋەبتىن بۇ يۈزلىنىشنى بەلگىلىك دەرىجىدە تېزلەتكەن.

خوتەن خەلقى قاشتېشىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكىنىدە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالماقتا

بازار نۇقتىسىدىن قارىغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل يۈزلىنىشنى خوتەندىكى يەرلىك تاش كولىغۇچىلارغا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما ھازىر يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپرىقىدىكى قاشتېشىنى كولاپ پايدىلىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بۇ «گۆھەر» گە قولى يەتمەس ھالغا كەلگەن.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن خوتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇنىڭ خوتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىر قانچە ئەۋلاد تاشچىلىق (يەنى قاشتېشى سودىسى) بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا ئۆزىنىڭ خوتەن قاشتېشى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خوتەن قاشتېشى ئېگىزلىكى 3500 مېتىردىن ئاشىدىغان قۇرۇم تېغىدىكى تاشلاردىن پەيدا بولغان. تەبىئىي گېئولوگىيە ۋە مۇزلۇق ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئاجرالغاندىن كېيىن، ئۇ پارچىلىنىپ، ئاندىن يامغۇر ۋە قار سەۋەبىدىن دەريالاردا دومىلاپ ئېقىپ يۇيۇلىدۇ. بۇ تاشلار تەدرىجىي ھالدا خوتەن قاشتېشىغا تەرەققىي قىلىپ، قايتا ھاسىل بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىققا ئايلىنىدۇ. شۇڭىمۇ ئىنتايىن چەكلىك ۋە قىممەتلىك. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار تېخى 90-يىللارغىچە تەبىئەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېمىتىنىڭ زادى قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېتەلمىگەن.

قاشتېشىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن خىتاي سودىگەرلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇنى تەدرىجىي ھالدا كىچىك كۆلەمدىكى قېزىپ ساتىدىغان بىر ئىگىلىككە ئايلاندۇرغان ۋە مەخسۇس قاشتېشى بازارلىرىنى بەرپا قىلغان.

ھالبۇكى 2000-يىللاردىن كېيىن، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئېغىر تىپلىق قېزىش ماشىنىلىرى ۋە سايمانلار بىلەن كەڭ كۆلەملىك ۋە ھەددىدىن زىيادە قېزىش قىلمىشلىرى ساھىللاردىنلا تېرىۋالغىلى بولىدىغان خوتەن قاشتېشىنى چوڭقۇر قازمىغۇچە تاپقىلى بولمايدىغان ھالغا ئېلىپ كەلگەن. خوتەن قاشتېشى مەنبەسىدىن خوراش كرىزىسىگە دۇچ كېلىش بىلەن تەڭ خوتەندىكى ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا دۇچار قىلغان.

ئىلگىرىكى خەۋەر ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 2007-يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي يەر ۋە بايلىق مىنىستىرلىقى خوتەن قاشتېشىنى قېزىشنى چەكلىگەن. بۇنىڭغا خوتەننىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسى ئەتراپىغا توپلانغان 20 مىڭ‏ خىتاي ئىشچىنىڭ قاشتېشى ئىزدەش ئۈچۈن تەبىئەتكە سېلىۋاتقان زىيانكەشلىكى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغانلىقى، شۇنداقلا مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى سەۋەب بولغان. بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى شۇ قېتىملىق چەكلەشتىن كېيىن ھەر گرامى 10 مىڭ سوم (تەخمىنەن 1380 ئامېرىكا دوللىرى) ئۆرلىگەنىكەن. بولۇپمۇ، 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قىممەتلىك خوتەن قاشتېشىنى ئولىمپىك مېدالىغا ئورنىتىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىدىلا خوراپ كېتىۋاتقان قاشتېشى مەنبەلىرى يەنە بىر قېتىم ئەسەبىيلەرچە كولانغان.

قاشتېشى قېزىشقا «قاتتىق زەربە بېرىش» ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ كەلمەكتە

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇننىڭ قارىشىچە، ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاشتېشى قېزىشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقى قانداقتۇر قاشتېشى بايلىقىنى ۋە ياكى بايلىق مەنبەسى بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلمايدۇ. بۇ پەقەت قاشتېشى بايلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن رەسمىي شەكىلدە تارتىۋېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ «بۇ ھال قاشتېشىنىڭمۇ خۇددى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا بايلىقلىرىغا ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن پەقەت خىتايلارنىڭ ئېچىشىغىلا رۇخسەت قىلىنىدىغان بايلىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ» دەيدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت ئىلگىرىكىدىنمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ قانۇنسىز قېزىشقا زەربە بەرمەكچى بولغانلىقىغا قارىتا خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا بەزى ساياھەت شىركەتلىرى ھەمدە سودا تورلىرىنىڭ ئەمدى بۇ چەكلىمىنىمۇ سودا پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇ خىلدىكى ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە «كەلگۈسىدە كان ئېچىشنى چەكلەش نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ، خوتەن قاشتېشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.

(داۋامى بار)