خوتەنلىك بىر قاشتېشى سودىگىرى نېمە ئۈچۈن قاچاق يول ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى؟

0:00 / 0:00

تۈركىيە، ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ 2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيە كۆچۈپ كېلىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ يوللار بىلەن قاچقانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ پۇلدار كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقى، كىشىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بۇنداق ياخشى ئىكەن، نېمە ئۈچۈن مۇنداق جاپا مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ خەتەرلىك يوللارنى بېسىپ تۈركىيەگە كېلىدۇ؟ دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە قاش تېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بايلارنىڭمۇ بولۇشى كىشىلەردە بۇلار زادى نېمە ئۈچۈن ئانا يۇرتىنى تاشلاپ چەتئەلگە قاچىدۇ؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلغان. بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن 30 ياشلاردىكى قاش تېشى سودىگىرى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تاش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما دىنىي تۇرمۇش كۆچۈرۈش ھەتتا ئۆزى تاپقان پۇلنى ئەركىن خەجلەش ھوقۇقىمۇ قالمىغاچقا قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

بالا-چاقىلىرىنى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بىر قېتىم يالغۇز ھالدا تۈركىيەگە كەلگەنلىكى ۋە پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن 150 مىڭ سوم پۇل بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىرىنچى قېتىم چەتئەلگە ساياھەتكە بارغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقى ۋە 4 بالىسى بىلەن ئايالىغا پۇل خەجلەپمۇ پاسپورت ئالالمىغاچقا قاچاق يوللار بىلەن مالايشىيا ھەم تايلاند ئارقىلىق قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئاقسۇ ئاۋاتلىق ئىمىن قارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر پاجىئە بولۇپ، پاسپورت بېرىلمىگەچكە تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلاردىن 200 ئەتراپىدا كىشى يوللاردا قازا تاپقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلاردىن 109 كىشى تايلاند تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن، 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ھازىرمۇ تۈرمىدە ياتماقتا.

بۇ ۋەقەلەردىن كېيىنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشكە باشلىغان. ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ھەم جاپا تارتىپ نۇرغۇن دۆلەتلەردىن ئۆتۈپ تۈركىيەگە كېلىپسىز، ھازىر خىتاي پاسپورت بېرىۋېتىپتۇ چىقماي تۇرسام بوپتىكەن دەپ پۇشايمان قىلىۋاتامسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا، ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى 1985-يىلى خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 9-سىنىپقىچە خىتاي تىلىدا ئوقۇغان، 3-4 يىل دىنىي تەربىيە كۆرگەن. 20 ياش ۋاقتىدا تاشچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ كۆپ پۇل تاپقان بولسىمۇ، دىنىي كۇرستا ئوقۇدۇڭ دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ قامالغاندىن كېيىن ۋەيران بولۇشقا باشلىغان.