تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ۋە سىياسەتتىكى ئويۇنلار
2025.03.14

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 11 يىللىق تۇتقۇننى باشتىن كەچۈرگەن 40 نەپەر ئۇيغۇرنى ئىچكى چۇقانلار ۋە تاشقى چاقىرىقلار، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەسكىن تەلەپلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويغان ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدە خەلقئارادا ئەڭ زور مۇنازىرە قوزغىغان تېمىلاردىن بىرى بولدى. شۇ قاتاردا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقداش بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تەلىپىنى نەزەرگە ئالماستىن بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى تورلاردىكى بەزى ئىنكاسلاردا «بۇ ھال ئاشكارا ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە شىلتىڭ ئاتقانلىق. تايلاند ھامان بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېيىلگەنلىكى مەلۇم. «باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 10-مارت سانىدا سىتىنان پوڭسۇدىراك (Thitinan Pongsudhirak) ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا بۇ قېتىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق بولغانلىقىغا دائىر مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
«ئالدامچىلىق تايلاندنىڭ يۈزىنى تۆكتى!»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئالدى بىلەن تايلاندنىڭ جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيە ساھەسىدە تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىشىغا بەكمۇ زىيانلىق. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۇنياۋى كۈچ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان تايلاند ئۈچۈن ئۆزى قاماققا ئالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە بىر قارار ئالالماسلىق، يەنە كېلىپ زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا قانۇنلار ۋە ئۆز قانۇنلىرىغا خىلاپ ھالدا زۇلۇم ماكانىغا قايتۇرۇۋېتىش تايلاندنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر داغ چۈشۈرىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرگە يۈزلەنگەندە ئىزچىل تۈردە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى لازىم. بىر تەرەپكە زىيادە خۇشامەت قىلىپ كېتىش ھەرقاچان تايلاند ئۈچۈن زىيانلىق. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا تايلاندتىكى چۇلالوڭكورن (Chulalongkorn) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى پانىتان ۋاتتاناياگورن (Panitan Wattanayagorn) تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنۇشتەك قىلمىشىنىڭ بۇنىڭدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
«ئەگەر بۇ ئىشنى توغرا ۋە ئوچۇق-ئاشكارا يوسۇندا قىلغان بولساق خەلقئارادىكى ئەيىبلەشلەر، نامايىشلار ۋە ئەندىشىلەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە تامامەن بولاتتى. قارايدىغان بولساق ھەممىدىنمۇ بەك كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خېلى كېيىنكى ۋاقىتلارغىچىمۇ ئىزچىل ھالدا بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىرەر دۆلەتنى تاپالمىغانلىقى ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىشى بولدى. ئۇلار ‹ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى. شۇڭا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشتىن باشقا چارىمىز قالمىدى› دەپ تۇرۇۋالدى. بۇ خىل يالغانچىلىق ئەمەلىيەتتە بەك يامان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. بولۇپمۇ تايلاند بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ، يەنە كېلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم مەسىلە، دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئەنە شۇنداق قاتماللىققا گىرىپتار بولدى. ئەگەر ئۇلار ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرگەن بولسا ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇنلا بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلىش مۇمكىن ئىدى.»
دەرۋەقە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتىن خېلى بۇرۇنلا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، تەشكىلاتلار ۋە ھەر قاتلام كىشىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۈرۈشتە قىلىشلىرىغا قارىتا تايلاند ھۆكۈمىتى ئىزچىل «بۇ ئۇيغۇرلارنى ھەرگىزمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيمىز» دېگەن شەكىلدە جاۋاب بەرگەن؛ ھەتتا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى باڭكوكتا پەيدا بولغاندىمۇ ئۇنىڭ پەقەت بېرما تەۋەسىدىكى تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى سەۋەبىدىن تايلاندقا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن؛ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى دېرىزىلىرى قارا ئەدىياللار بىلەن قاپلىۋېتىلگەن ئاپتوبۇسلارغا بېسىپ بىلەن دونموڭ (Don Mueang) ئايرۇدرومىدىكى خىتاي ئايروپىلانىغا يۆتكەۋاتقاندا بۇ ئىشنىڭ شەپىسىنى سېزىپ قالغانلار يوللىغان ئۇچۇرلارنى «پۈتۈنلەي ساختا ئۇچۇر» دەپ ئىنكار قىلغان.
مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەنمۇ بۇ مەسىلىدە ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى بىر ياقلىق قىلىش مەسىلىسىدىكى بۇ خىل ساختىپەزلىك مەۋقەسى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر داغ چۈشۈرىدۇ.
«تايلاندنىڭ مەنپەئەتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن ئۈستۈن كەلدى»
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى لىز سروسېل (Liz Throssell) ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ «ئالىي كومىسسار ۋولكېر تۈرك (Volker Turk) 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ئۆلچەملەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىز كۆپ قېتىملاپ تايلاند ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئۇلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدۇق. ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئادەمنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ» دېدى.
دەرۋەقە، بۇ قېتىمقى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋەقەسىدىن كېيىن تايلاند بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قانداق «رازىلىق» سودىسىنىڭ بولغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، ئانالىزچىلار بىردەك بۇنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. تورلاردىكى ئىنكاسلاردا بولسا بەزىلەر تايلاند باش مىنىستىرى پاتوڭتارن شىناۋاترا (Paetongtarn Shinawatra) نىڭ ئەجدادلىرى خىتايدىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «باش مىنىستىرنىڭ ئۇيغۇر ئۆچمەنلىكى بۇ ئىشقا سەۋەب بولغان» دەپ يازغان. ئەمما ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىدە باش مىنىستىرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون مىلياردلىغان ئامېرىكا دوللىرىغا چېتىشلىق بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، ئەكسىچە تايلاندنىڭ تۈپكى مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ئاساستا مۇشۇنداق بىر قارار چىقىرىشى مۇقەررەر ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.
دوتسېنت پانىتان ۋاتتاناياگورن بۇ ئىشتا ھەممىدىنمۇ بەك غەم يېگەن مەسىلە تايلاند خەلقىنىڭ دەل مۇشۇنداق سەلبىي ئاقىۋەت تۈپەيلىدىن «يېمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەپ قېلىشى» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق بىر قارارى تۈپەيلىدىن ئالدىنقى قېتىم 109 ئۇيغۇر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن 2015-يىلى 17-ئاۋغۇستتا باڭكوك شەھىرىدىكى يېرېۋان ئىبادەتخانىسىدا بومبا پارتلىتىلغان. نەتىجىدە 20 ئادەم ئۆلۈش، 163 كىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان. تايلاند ساقچىلىرى بىلال مۇھەممەد ۋە مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى مۇشۇ قېتىملىق بومبا پارتلىتىشنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە قولغا ئالغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇن كىشى ئالدىنقى قېتىمقىدەك «ئۆچ ئېلىش» ۋەقەلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشكە ئۆتكەن. بۇ خىل قورقۇنچ تۇيغۇسىمۇ نۆۋەتتە تايلاند ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر يېڭى باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ باڭكوك شەھىرىدىكى ئامېرىكا، خىتاي ۋە ياپونىيە ئەلچىخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئەلچىخانىلار ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تايلاند ساياھىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتقان. تايلاندقا ئوخشاش ساياھەتچىلىك مۇھىم مىللىي دارامەت مەنبەسى بولۇۋاتقان دۆلەت ئۈچۈن بۇ ھال شۈبھىسىز ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. دوتسېنت پانىتان ۋاتتاناياگورن شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ئاشۇ تەرىقىدە بەكلا «سىياسىي» لىشىپ كېتىشىنى «خەيرلىكنىڭ بېشارىتى ئەمەس» دەيدۇ.
«مېنىڭچە، بىز بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ سىياسىيلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك ئىدى. دېمىسىمۇ بۇ مەسىلىنى ئەسلىدىلا ئوبدان دەڭسەپ، كۆچمەنلەر قانۇنىنىڭ تۈپكى مەزمۇنلىرىغا قاراپ بىر ياقلىق قىلىشقا بولاتتى. يەنە كېلىپ بىز بۇ مەسىلىدە خەلقئارا پائالىيەتلەر، كېلىشىملەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى ھېسابقا ئالغان بولساق بۇ ئىش ئۇ دەرىجىدە سىياسىيلىشىپ كەتمەيتتى. يەنە كېلىپ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تايلاند خەلقى بۇ ئىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر زور روھىي يۈك بولۇپ قېلىشىنى زىنھار خالىمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى تايلاند خەلقى ياخشىراق تۇرمۇش ۋە بالا-چاقىلىرىغا خاتىرجەمرەك ھاياتلىق ئىزدەپ پاناھ تارتىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن تايلاندنىڭ ئۇلارنى بالاغا تىقىدىغان بىر مەملىكەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.»
بۇ ئۇيغۇرلار قوغدىلامدۇ؟
«ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىقى» ھەققىدىكى دەبدەبىلىك ۋەدىلەرنىڭ بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق بولغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى كۈچلۈك تەنقىدلەر ۋە بېسىملارغا قارىتا تېزدىن يېڭى ئويۇن ئويناپ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلەشتۇق. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن خاتىرجەم ياشىشىغا ئۇلار كېپىللىك قىلىدىغان بولدى» دېيىشكە ئۆتكەنلىكى مەلۇم. يەنە بىر ياقتىن تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئالايىتەن قەشقەرگە بېرىپ، قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە مېھمان بولغان ھەمدە ئۇلاردىن «ھال سورىغان». بۇ ھەقتىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەر بولسا تورلاردا كەڭ تارقىتىلغان.
باش مىنىستىر پاتوڭتارن شىناۋاترا (Paetongtarn Shinawatra) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «مەن بۇ قېتىمقى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىنى خالىمايمەن. بۇ خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە تىنچ شەكىلدە تاماملىنىشى بەك مۇھىم. قوشنىمىز بولغان دۆلەتنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى پۈتۈن دۇنيا كۆرىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن» دېگەن. . شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشىدە بولۇۋاتقان كىشىلەرنى خاتىرجەم بولۇشقا ئۈندىگەن.
ھالبۇكى ئارىدىن نەچچە ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ، 40 كىشىدىن بىرنەچچەيلەن ئېكران يۈزىدە كۆرۈنگەندىن باشقا قالغان تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى نېمە بولغانلىقى ھازىرغىچە نامەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەكىتلەنگەن «قانۇنىي تەرتىپلەردىن ئۆتكۈزۈش» ھەققىدىكى بايانلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقدىرىنىڭ بەكمۇ چوڭ خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. شۇ سەۋەبتىن «يالغانچىلىقتا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە» دەپ قارىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغانلىقى»، بولۇپمۇ تېخىچە تايلاند تۈرمىسىگە قاماقلىق تۇرۇۋاتقان سەككىز نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى يېڭى ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولۇشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاندىكى سەككىز ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بەش نەپىرى «قېچىشقا ئۇرۇنغان» دېگەن ئەيىبلەش تۈپەيلىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ھازىر تۈرمىدە جازا ئۆتىمەكتە ئىكەن. قالغان ئۈچەيلەن بولسا تېخىچە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا سوتنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىشىنى ساقلىماقتا ئىكەن. تايلاندىكى ئادۋوكاتلاردىن كانناۋى سۇبساڭ (Kannavee Suebsang) بۇ ھەقتە «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «قاماق مۇددىتى توشقاندا بۇ بەش ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قايتۇرۇلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلارمۇ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قاماق مۇددىتى 2029-يىلى توشىدىكەن. ئەمما تايلاند پادىشاھى يىلدا بىر قېتىم زور كەچۈرۈم ئېلان قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى ياكى كېلەر يىلقى زور كەچۈرۈمگە توغرىلىنىپ تۈرمىدىن چىقىرىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن.