2017‏-يىلى يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇر «غازاتچىلار» نىڭ 10 ھەسسە كۆپەيگەنلىكى گۇمانلىق

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.01.11
qeshqer-chegra-herbiy.jpg خىتاي ئەسكەرنىڭ مۇخبىرلارنى خىتاي-پاكىستان چېگراسىدىكى ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى سۈرەتكە تارتىشتىن چەكلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 10-ئىيۇل، قەشقەر.
AP Photo/Elizabeth Dalziel

2017‏-يىلى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن قايتىپ چېگرادا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر «غازاتچىلار» نىڭ ئالدىنقى يىلقىدىن 10 ھەسسە كۆپىيىپ، خىتايغا جىددىي خىرىس پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇر خىتاي ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر ئۇچۇرنى خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى جى جىيې ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارا يىغىندا تىلغا ئالغان. ئەمما ئۇ ئالدىنقى يىلى قانچە ئۇيغۇرنىڭ «غازاتچى» دەپ چېگرادا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى 2017‏-يىلى 10 ھەسسە كۆپەيگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كونكرېت سانى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

بۇ خەۋەر 8‏-يانۋار كۈنى خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەر، خەلقئارا ئاخباراتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئارقىدىنلا بۇ خەۋەر خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىندى. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، نۇرغۇن «تېررورچىلار» نىڭ خىتاي پاسپورتى بىلەن شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا كىرگەنلىكى، چېگرا باشقۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق خىتاي ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتى بەزى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ئۇلار كونكرېت ۋە ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇمات بولماي تۇرۇپ، بۇ خۇلاسىگە كېلىشنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئامېرىكا پرېنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جامائەت يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «قولىمىزدا يېتەرلىك ماتېرىيال بولماي تۇرۇپ، كونكرېت ساننىڭ قانچە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايمىز. شۇڭا، بۇنىڭغا كېسىپ بىر نېمە دېمەك مۈشكۈل. لېكىن شۇ نەرسە بىزگە ئايان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش تەلەپلىرىنى ناھايىتى قاتتىق باستۇرۇپ كەلدى. بۇ ئەڭ ئەقەللىي رېئاللىق. شۇڭا، باشقا دۆلەتلەردىن قايتقان ئاتالمىش دائېشچىلارنىڭ سانى 10 ھەسسە كۆپەيدى، دېگەن بۇ ئۇچۇرغا دەرھال ئىشىنىپ كەتمەي، باشقا قاناللار ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بېقىشى زۆرۈر.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ياكى تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە تۇتۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەتكەن. قايتۇرۇپ بارغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چېگرادا ياكى يۇرتىغا بېرىپلا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان، بەزىلەر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرنى تارقىتىشتىكى مەقسىتى 2017‏-يىلى بېسىم بىلەن يۇرتىغا قايتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى «غازاتچى» دەپ تۇتقۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكەن.

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى خىتاينىڭ تېررورلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭغا ئىككى نۇقتىدىن قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدىكى مەسىلىنى ئېچىپ بېرىدىكەن.

سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەگەر يۇقىرىقى سانلىق مەلۇمات راست بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقئىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاماق جازالىرىنى بېرىشى، تەنقىدچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بىر ئەندىشە. ئۇنىڭ قول تېلېفونىدا ۋىدېئو كۆرگەن ياش ئۆسمۈرلەرنى، مىڭلىغان كىشىلەرنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا سولىشى، مانا بۇلار دەل رادىكاللىقنى كۈچەيتىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇرۇن ھۆكۈمەت بىلەن ھېچقانداق جىددىي مەسىلىسى يوق كىشىلەرنى نىشانغا ئېلىپ، ئۇلارنى دۆلەت دىكتاتورىلىق ئاپپاراتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئۇلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى رادىكاللىشىشقا ياكى بەزىدە زوراۋانلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇلاردا دىنىي ئىبادىتىنى تىنچ بەجا كەلتۈرۈشكە پۇرسەت ياكى قانۇنى كاپالەت يوق، دېگەن تەسىرات پەيدا قىلىدۇ.»

سارا كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ سىياسىتىگە قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئېغىر مەسىلە بار. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئىشلاردا زوراۋانلىق بىلەن تىنچ ھەرىكەتلەرنى ئايرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ سىياسىتىگە كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ مەسىلە بار. ئەگەر سىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىق، زوراۋانلىق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىگە قارىسىڭىز، ئۇ مەيلى دىنىي، مەيلى سىياسىي، مەيلى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئىچى-سىرتىدا بولۇۋاتقان ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىدا بولسۇن، تىنچ ھەرىكەتلەر بىلەن زوراۋانلىقنى ئايرىمايدىغانلىقى، بۇ ئىشلارنى ئوخشاش جازالايدىغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇ ئىلھام توختى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق زوراۋانلىققا ئارىلاشمىغان كىشىلەر بىلەن رادىكاللىققا ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرگە ئوخشاش جازا بېرىدۇ. بۇ مەيلى قانۇن جەھەتتىن قارىغاندىمۇ، مەيلى كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ بىر ئېغىر مەسىلە.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پەۋقۇلئاددە قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئاپپاراتى، بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى قامال قىلغان. ئۇلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسى، قان تىپى، كۆز نۇرى، بارماق ئىزىنى ئېلىپ، بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان. «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قۇرۇپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنى سولىغان. دىنىي پائالىيەتلەر، كلاسسىك ئەسەرلەر، تارىخىي شەخسلەر چەكلىنىپ، ئىدېئولوگىيەلىك كونتروللۇق كۈچەيتىلگەن. ئەدەبىيات، سەنئەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن يازغۇچى، ئەدىب، سەنئەتكارلار تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى نۇرغۇن كارخانا ۋە شىركەتلەر تاقالغان ئىدى.

چېن كۇيدې ئەپەندى پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تارىخىي جەھەتتىن قارىغاندا، يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش تەلىپى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسى تۇرمۇشى، نېگىزلىك ھوقۇقىغا ئېغىر زەربە بېرىپ كەلدى ياكى تارتىۋالدى. مانا بۇ بىز كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلىشىمىزغا تېگىشلىك ھەممىگە مەلۇم رېئاللىق. بۇ ئەھۋالنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.