ئۇيغۇر مۇساپىرلار ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا قانداق ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؟

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. ئەمما تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار قانداق قايسى يوللار بىلەن ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، بۇ ھەق ۋە ھوقۇقىنىمۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويماقتا.

بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ ئىدارىنىڭ تور بېتىدە مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خەۋەر ئىشلىسەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ماقۇللانغان چەتئەللىكلەرنى قوغداش قانۇنى» غا ئاساسەن، كىشىلەر ئەگەر چەتئەللىكلەرنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنسا، 10 كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئىلتىماسى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. بۇلاردىن باشقا 30 كۈن ئىچىدە تۈركىيەدىكى سوت ئىدارىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىلتىماس بەرگەنلىكىڭىزنى تۈركىيەگە بىلدۈرسىڭىز، سىزنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتەلمەيدىكەن. سوت جەريانىدا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنسىز. ئادۋوكاتقا بېرىدىغان پۇلىڭىز بولمىسا، تۈركىيە ئادۋوكاتلار بىرلىكىدىن ئادۋوكات تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بار بولۇپ، ئادۋوكاتلار بىرلىكى سىزگە ھەقسىز ئادۋوكات بېرىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر ئۈچ قېتىم سەۋەبسىز يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە بارمىسىڭىز، سەۋەبسىز ھالدا ئۈچ قېتىم قول قويغىلى بارمىسىڭىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەقسىم قىلغان ۋىلايەتكە 15 كۈن ئىچىدە بېرىپ ئىلتىماس قىلمىسىڭىز، سىز تۇرۇۋاتقان ۋىلايەتتىن رۇخسەتسىز كېتىپ قالسىڭىز، شەخسى مەلۇماتلىرىڭىزنى بەرمىسىڭىز، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشنىڭ قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلىق سالاھىيىتىڭىزنى ئېلىپ تاشلايدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسى پۈتۈن خەت-چەك ۋە سىز توغرىلىق مەلۇماتلارنى سىز بەرگەن ئادرېسقا ئەۋەتىدىغان بولۇپ، ئەگەر خاتا ئادرېسنى بېرىپ قويسىڭىز ياكى كۆچۈپ كېتىپ يېڭى ئادرېسىڭىزنى بەرمىسىڭىز، پۈتۈن مەسئۇلىيەت سىزدە بولىدىكەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇرۇن بەزى ئۇيغۇرلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەتكەن بولسا، بەزىلىرى ھازىر ب د ت دىن مۇساپىرلارغا بېرىلگەن كىنىشكىلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ھازىر كانادادا تۇرۇۋاتقان 2003-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيەگە كېلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىدىن پاناھلىق تىلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى كاناداغا ئېلىپ كېتىلگەن تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ پاناھلىق تىلەش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا پاناھلىق تىلىگەن كىشى مۇساپىرلار سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قانداق شەرتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇلار يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشتا نېمە سوئاللارنى سورايدۇ؟ تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۆزىدىن سورىغان سوئاللار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ نېمە قىلىشى توغرىسىدا ھەر خىل خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى تەۋسىيەلىرىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بەزىلىرى تۈركىيەدە ياشاشنى تاللىسا، يەنە بەزىلىرى تۈركىيەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، مەلۇم بىر ۋىلايەتتە ياشاۋاتقان، ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋولقان بۇغرا ئەپەندى بىر يېرىم يىلدىن بېرى جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىپ باقمىغانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭ ئۆزىگە كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

رەسمىي بولمىغان ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر تۈركىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۈچىنچى دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200 ئەتراپىدا ئىكەن.