خوتەن قاشتېشى ئۇيغۇرلاردىن ئۇزاقلاشماقتا

خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئەمىلىدىن پايدىلىنىپ قاشتېشى سودىسىدىن نەپ ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئەمەلدارلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى، ھەتتا پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەر بولسا يۇقىرىدىكى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ خوتەن قاشتىشى بازىرىنى بىر قانچە كىشىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خوتەندىكى ئەمەلدارلارنىڭ قاشتېشى سودىسىغا ئارىلىشىشىنى چەكلىدى. ئۇقتۇرۇشتا ئەگەر بىر ئەمەلدارنىڭ خوتەن قاشتېشىنى كولىغانلىقى، قانۇنسىز تاش كولىغۇچىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى، قاشتېشى سودىسىغا مەبلەغ سالغانلىقى ياكى پارا ئالغان بولسا، ئۇلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ۋە ھەتتا پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقى جاكارلاندى. خوتەندىكى يەرلىك ئەمەلدارلار مۇنداقچە ئېيتقاندا، قاش تېشى سودىسىدىن ھەرقانداق بىر شەكىلدە نەپ ئېلىشتىن چەكلەنگەن. يەنە تېخى ئۇقتۇرۇشتا، بۇ خىل ئەھۋالنى پاش قىلغۇچىلارغا 5 مىڭ يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

شىنخۇا تورى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى يورۇڭقاش دەرياسىدا مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر بولغانلىقتىن، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەر ئارقىلىق يورۇڭقاش دەرياسى بۇيىدىكى قالايمىقان تاش كولاش ئەھۋالىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ يورۇڭقاش دەرياسى بۇيىدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق كىرىش ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىگە كامېرا ئورنىتىپ، بۇ يەرگە كىرىپ - چىقىۋاتقانلارنى قاتتىق كۆزىتىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يورۇڭقاش دەرياسىدىن چىقىدىغان قاش تېشى سۈزۈكلۈكى، سۈپىتى ۋە ئىلاستىكىلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئۇنى قىممەتلىك قىلغان ئامىللارنىڭ يەنە بىرى ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ چەكلىك بولۇشىدا. خوتەن قاشتېشى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بايلىق يىغىش ۋە بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرىغا خوشامەت قىلىپ، ئۆسۈش ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بولۇپمۇ، 2008 - يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قىممەتلىك خوتەن قاش تېشىنى ئولىمپىك مېدالىغا ئورنىتىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىدىلا ھەددىدىن زىيادە ۋە قالايمىقان كولاش نەتىجىسدە خوراپ كېتىۋاتقان قاشتېشى مەنبەلىرى يەنە بىر قېتىم ئەسەبىيلەرچە كولانغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە چىققان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھازىر خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى ئىلگىرىكى يىللاردىن نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ، بازاردا قاشتېشى ماتېرىيالى زور دەرىجىدە كەملەپ كەتكەنلىكتىن، قاشتېشى باھاسىمۇ ھەددى ھسابسىز ئۆرلەپ كەتكەن. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە بارماقچىلىك كېلىدىغان قاشتېشىنىڭ باھاسى ئىككى - ئۈچ مىڭ يۈەن بولسا، ھازىر ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تاشنىڭ باھاسى 10 مىڭ، بىر كىلو تاشنىڭ باھاسى بىر مىليون يۈەندىن بىر قانچە ئون مىليون يۈەنگە يەتكەن. خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسىنىڭ ھەددى ھىسابىسز ئۆرلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا 2011 - يىلى3 - ئايدا خوتەندە مۇھىتنى قوغداش نامى ئاستىدا چىقىرىلغان شەخسىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا توپا قېزىش ماشىنىلىرى ئارقىلىق قېزىشنى چەكلەش تۈزۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

شىۋىتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى، يۇقىرىدىكى شەخسىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قاشتېشى كولاش، ئەمەلدارلارنى قاشتېشى سودىسىدىن چەكلەش ئەھۋاللىرىنىڭ قانداقتۇ مۇھىت قوغداش ياكى ئەمەلدارلارنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇ، خوتەن خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان ھەر يىلى كەلكۈن پەسىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن دەريا بويىدا قاش تېشى كولاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا مۇھىتنىڭمۇ ھېچقانداق بۇلغانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئاساسەن خوتەن قاشتېشى بازىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسلىدە ھاۋانىڭ ئىسسشى بىلەن دەريا بۇيىدا قاشتېشى قازىدىغان مەزگىل يېتىپ كېلىشى نەتىجىسىدە، نەچچە مىڭلىغان قاشتېشى كولىغۇچى يورۇڭقاش دەرياسى ۋە قارىقاش دەرياسى ئېقىنلىرىدا تاش كولايدىغان بولۇپ، ئىلگىرى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىللەردە، قاشتېشى كولىغۇچىلارنىڭ خالتا - خالتىلاردا لىق قاچىلانغان قاشتاشلىرىنى بازارغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن بولسا، ئەمما ھازىر ئىلگىرىكىدەك خالتا - خالتىدا قاش تېشى ئەكىرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇچرىتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. قاراقاش ناھىيىسىدىن تېلېفون زىيارىتمىزگە چىققان بىر ئۇيغۇر ياش ھازىر يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ بىر قانچە پۇلدارلار تەرىپىدىن كۆتۈرەگە ئېلىنغانلىقىنى، ھازىر ھېچكىمنىڭ قالايمىقان تاش كولىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى 2011 - يىلىنىڭ بېشىدا يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە يەر كۆلىمى 570 مولۇق بىر چوڭ قاشتېشى بازىرى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىدى. بۇ بازاردا قاشتېشىنى پەرقلەندۈرۈش، دەرىجىگە ئايرىش، ئېلىش - سېتىش، پىشىقلاش، كۆرگەزمە قىلىش، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدىن تارتىپ، بارلىق جەريان ھەممىسى كونترول قىلىنىدىغان بولۇپ، قاشتېشى سودىسى بىر تۇتاش ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدىكەن. بۇ خىل بازارلار پەقەت خوتەندىلا ئەمەس، بەلكى قىزىلتاغ قاشتېشى بويۇملىرى شەھەرچىسى، قاراماي، ماناس، كورلا قاشتېشى بازارلىرىغا ئوخشاش بەزى شەھەر، ناھىيىلەردىمۇ مەۋجۇت.

ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى قاشتېشى تىجارىتىنى ھۆكۈمەت ئۆز قولىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشى، خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنى قوشۇمچە كىرىمىدىن ئايرىپ قويىدىغانلىقىنى، بۇ سودىنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا، ئۇيغۇر رايونلۇق ئۈنچە - مەرۋايىت، قاشتېشى، زىبۇ - زىننەت كەسپى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبى قوۋۇق، دوستلۇق يولى، جۇڭشەن يولى، چوڭ بازا، خۇالىڭ ۋە شىخۇڭ يوللىرىدىكى بازارلاردا 7 چوڭ قاشتېشى سودىگىرى چەمبىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئەڭ ئاز دېگەندە 30 دىن ئارتۇق قاشتېشى دۇكىنىنىڭ ئىگىسى ئىكەن.