كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى: «بىن سالماننىڭ لاگېرلارنى قوللىشى ئۇنىڭ ئەخلاقىي ۋە دىنىي سالاھىيىتىگە خىلاپ»

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھىد شاھزادىسى مۇھەممەت بىن سالمان ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاينى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە ئېلىپ بېرىلىشى ئۇيغۇرلاردا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا بەزى ئۈمىدلەرنى پەيدا قىلغان. ئۇلار بىن سالماننىڭ بېيجىڭدا سەئۇدى پادىشاھىنىڭ «ئىككى ھەرەمنىڭ مۇھاپىزەتچىسى» دېگەن نامىنى جارى قىلدۇرۇپ، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئىپادىسى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى.

بىن سالمان 21‏-فېۋرال كۈنى باشلانغان 2 كۈنلۈك زىيارىتىدە خىتاينىڭ «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىن سالمان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە: «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەققى بار» لىقىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاينىڭ «سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەمكارلىشىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن. بىن سالمان لاگېرلارنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزى خىتاينىڭ لاگېر قۇرۇپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنى قامىشىنى قوللىغاندەك بېشارەت بەرگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىن سالماننىڭ ئىپادىسى سەئۇدى پادىشاھىنىڭ «ئىككى ھەرەمنىڭ مۇھاپىزەتچى» دېگەن دىنىي ئۇنۋانىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگىمۇ خىلاپ ئىكەن. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شەجېيۋىسكىي 26‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىن سالماننىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ: «ئېنىقكى، ھېچقانداق ھۆكۈمەت خىتاينىڭ بىر مىليون ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇيغۇرنى قاماشتەك قىلمىشىنى قوللىماسلىقى ياكى ئۇنى ماختىماسلىقى كېرەك. باشقا ھۆكۈمەتلەر بۇ ئورۇنلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلىشى، خىتاينىڭ ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە نېمە ئۈچۈن ئۇچۇر بەرمەيدىغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ لاگېرلاردا تەن جازاسى يۈز بېرىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى سوراق قىلىشى كېرەك. بۇنى سوراش ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. ھالبۇكى، خىتاينى زىيارەت قىلغان سەئۇدى رەھبىرى ‹ئىككى ھەرەمنىڭ مۇھاپىزەتچىسى› دېگەن نامى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، شۇنىڭدەك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە مۇسۇلمانلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، لېكىن بىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى كۆردۇق» دېدى.

بىن سالماننىڭ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان. نۇرغۇن خەلقئارا تاراتقۇلار بىن سالماننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى «قولتۇق دۆلەتلىرى ئانالىزى» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى، تەتقىقاتچى گىورگىئو كافېئىرونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان خىتايدەك گېئو-ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلۈك بىر دۆلەتنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى سەۋەبلىك تەنقىد قىلىش سەئۇدى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك، دەپ قارايدىكەن. گىئورگىئو كافېئىرو 25‏-فېۋرال ئېلان قىلغان «خىتاي-سەئۇدى مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ ئامىلى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە بۇ نۇقتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» نى قوللىشى ئۇنىڭ باشقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسلامغا ۋاكالەتلىك قىلىش رولىنى ئاجىزلىتىدىكەن. ئۇ، تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ جەھەتتىكى رەقىبى ئىكەنلىكى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 25‏-فېۋرال ب د ت دا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئەكرەم، تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئابرۇيىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيە، ئەگەر ئۇيغۇرلار ۋە ئاراكاندىكى (روھىنگادىكى) مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقسا ۋە ئۇلارنى قوللىسا ئۇنىڭ مۇسۇلمان خەقلىرى ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ئۆسىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىنىڭ 1‏-ۋەزىپىسى تەبىئىي ھالدا دۆلەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلاش. ئۈچىنچىسى، ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ساھىب چىقىش. ئۇيغۇرلارغا ساھىب چىقىش ئۇنىڭ سىياسىتىگە ماس كېلىدۇ».

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پەرقلىنىدىغان يەنە بىر پەرقى ئۇنىڭدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ كۈچى ئىكەن. ئۇ تۈركىيە جامائەت پىكىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەركىن ئەكرەم: «ئەمما تۈركىيە بىر مەزگىل گېئو-سىياسى ۋە دۆلەت مەنپەئەتى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇر بولدى. پەقەت تۈركىيەدە كېيىنكى 200 يىلدا غەرب بىلەن يېقىنلاشقان بىر سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ كەلدى. شۇنىڭدەك تۈركىيەدە يەرلەشكەن غەرب قىممەت قارشى بار. مەسىلەن، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، باراۋەرلىك دېگەندەك، يەنى تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىغاندا ئىنسان ھەقلىرىگە كۆپرەك ھۆرمەت قىلىدۇ. تۈركىيە بىر مەزگىل دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن قىممەت قارىشىنىڭ ئارىسىدا سىقىلىپ قالغان. لېكىن جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق كۈچەيگەچكە بۇ بېسىمغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدى.»

گىئورگىئو كافېئىرونىڭ قارىشىچە، بۇ جەھەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيەگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇ سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە پۇقرالارنىڭ بېسىمىدا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش دەيدىغان بۇنداق ئەندىشە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىكى ھېنرېي شەجېيۋىسكىينىڭ قارىشىچە، مەيلى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى قانداق بولسا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ئازراق ۋىجدانى بولسىلا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەگە ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

شەجېيۋىسكي مۇنداق دەيدۇ: «ئازراق ۋىجدان بار ھەرقانداق كىشى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھادىسىلەرگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك. ‹مەككە ۋە مەدىنە ۋە ئىسلامدىكى نۇرغۇن مۇقەددەس جايلارنىڭ قوغدىغۇچىسى›، دېگەن ئۇنۋانى بار سەئۇدى دائىرىلىرىگە كەلسەك، رەھبەرلىك ۋە مەسئۇلىيەت ئۇلارنىڭ نېگىزلىك قىممەت ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك. سەئۇدى دائىرىلىرىگە بۇ قىممەت ئۆلچىمىنى نامايان قىلىش جەھەتتە باشقا دۆلەتلەر ئېرىشەلمەيدىغان بىر پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ پۇرسەتنى قوللانمىدى. تۈركىيە، مالايسىيادەك دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ بىراق سەئۇدىدا بۇ جاسارەتنى كۆرمىدۇق. سەئۇدىنىڭ ھەرىكىتى بەلكىم باشقا دۆلەتلەرگە ئۆلچەم يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ زىيارەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولدى.»

بىن سالماننىڭ زىيارىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏-نۆۋەتلىك يىغىنى باشلىنىش ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. كۆزەتكۈچىلەر يىغىندا خىتاينىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەئۇدىلىق ژۇرنالىست جامال قوشۇقچىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.