ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «7-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى» غا د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.
دۇنيادىكى 150 تىن ئارتۇق ھەر ساھە تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن چاقىرىلىپ كېلىۋاتقان «خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى» نىڭ 7-نۆۋەتلىكى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قۇرۇلتايغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى رايىن ئەپەندىلەر تەكلىپ بويىچە قاتناشقان.
ياۋروپا پارلامېنتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قۇرۇلتايغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى» خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرنى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا، بولۇپمۇ سىياسىي سەۋەبتىن تۇتۇلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قىستاشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىكەن. د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۇ قۇرۇلتايلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىش ھادىسىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا كەڭ تونۇتۇپ، خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بۇ يىغىنغا بىللە قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى رايىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىغا ئائىت پاكىتلار يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. يىغىندا مۇھەممەت سالىھ داموللام، ئابدۇلھەمىت داموللام قاتارلىق جازا لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ غايىب قىلىش جىنايەتلىرى پاش قىلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 114 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 106 دۆلەت ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۆلۈم جازاسىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرغان. 8 دۆلەت پەقەتلا جىنايى ئىشلار دائىرىسىدە ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالغان. خىتاي بولسا ئۆلۈم جازاسىنى ھەممە ساھەگە تەتبىق قىلىدىغان، ئۆلۈم جازالىرىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىجرا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپلا قالماي، دۇنيادا سىياسىي تۇتقۇنلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان بىردىن-بىر دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.
د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي بويىچە سىياسىي سەۋەبتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشىلەر ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بىر مىللەت بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىلگىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەت ئەربابلىرى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان.
0:00 / 0:00