ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2025-04-25
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تاقىلىشى بىر پاجىئە بولغۇسىدۇر. ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ئازاپ چېكىۋاتقان خەلق ئۈچۈن بۇ ئاساسلىق ئۈمىد نۇرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
2025-04-23
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ تەمىنات زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2025-04-23
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە سودا مەركىزى بولغان ئىستانبۇلدا چارشەنبە كۈنى كۆپ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىر كۈچى ھەتتا پايتەخت ئەنقەرەگىمۇ يېتىپ بارغان.
2025-04-22
گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مەشھۇر خىمىيە سانائىتى ماگناتلىرىدىن بىرى بولغان BASF شىركىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2025-04-21
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ يەكشەنبە كۈنى خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىماستىن تۇرۇپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاموژنا بېجى قويمىغان شەكىلدىكى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2025-04-18
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تاقىلىشى بىر پاجىئە بولغۇسىدۇر. ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ئازاپ چېكىۋاتقان خەلق ئۈچۈن بۇ ئاساسلىق ئۈمىد نۇرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
2025-04-18
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتىدە كېلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2025-04-17
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قولىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا ئىستىقباراتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
2025-04-17
ئالىي تەتقىقاتچى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت ترامپىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا باجلىرى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش يولىنى توسىۋېتىدىكەن.
2025-04-17
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 17-ئاپرېل «قەيەردە تۇرىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بار: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى چوڭ مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زور كۆلەمدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2025-04-16
شىنجاڭدا بىر خىتاي سەنئەتكار تەمبۇر چالغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىيوسىنى رۇخسەتسىز تارتقانلىقى ئۈچۈن «فىلىم سانائىتىنى تەرغىب قىلىش قانۇنى»غا ئاساسەن 75000 يۈەن جېرىمانە قويۇلۇپ، قوللانغان ئاپارات ئۈسكۈنىلىرى ۋە تارتقان ماتېرىياللىرى مۇسادىرە قىلىنغان.
2025-04-16
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى قويغان «قايتۇرما زەربە خارەكتېرلىك ھەرىكەتلىرى» سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرى 245 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن.
2025-04-15
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ ماڭغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە پات يېقىندا كېلىشمىسە بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بەلگىلىك دەرىجىدە، ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.
2025-04-15
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇقام ئانسامبلىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلچىلار فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى دۇنياغا تونۇلغان ئېففېل مۇنارى يېنىدىكى سۇپىدا ۋە ۋېنگېرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپىشتتىكى قەھرىمانلار مەيدانىدا ئويۇن كۆرسەتكەن.
2025-04-14
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بېجىنى 125 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تېخى خىتايغا قارشى ھازىرچە ھەرىكەت ئېلىپ بارمىدى. ئەمما پرېزىدېنت ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي توردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى.