ئۇيغۇر بۆلۈمى «ئەركىن تىنىقلار» نامىدا سەھىپە ئاچتى

0:00 / 0:00

«ئەركىن تىنىقلار» سەھىپىمىزنىڭ تۇنجى سانىنى سەھىپىمىزنىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەچ مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۆسەننى ئەسلەش بىلەن باشلاشنى لايىق تاپتۇق.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە، جۈملىدىن خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان بارلىق نەشر بۇيۇملىرى بىراقلا توختىتىلغاندىن سىرت، ئىلگىرى نەشر قىلىنغان نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەرنىڭ يىغىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم.

غەرب مەتبۇئاتلىرىدا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ قارىلىۋاتقان مەزكۇر ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنىڭ كەلگۈسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەسىرىنى مۆلچەرلەش قېيىن بولمىسا كېرەك.

خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ يەنە قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى نائېنىق بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە تارىخىنى ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا توشۇغۇچى بولمىش ئۇيغۇر تىللىق ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى، نەشرى قىلىنىشى ۋە تارقىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قانداق زۆرۈر قەدەملەرنى ئېلىش مۇمكىن دېگەن سوئاللارمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى.

ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان 20 يىلدىن بېرى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ «ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى» بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنى ھەر بىرىڭلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن ھەرگىز ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ-ئەلۋەتتە.

ھەرقايسىڭلارنىڭ مەدەت ۋە ئۈمىدلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا رادىئو پروگراممىلىرىمىزنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى يازغۇچى، سەنئەتكار ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارلىرىمىزغا تېخىمۇ چوڭ سورۇن ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە مانا بۈگۈندىن تارتىپ رادىيومىزدا «ئەركىن تىنىقلار» دېگەن تېمىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتۇق.

سەھىپىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە ئەدەبىي مەزمۇندىكى سۆھبەت-مۇلاھىزىلەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يازغۇچى-سەنئەتكارلىرىمىز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، رومان-ھېكايىلەر، شېئىر، ناخشا-مۇزىكا، يۇمۇرلار ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كەڭ تورداشلارنىڭ بەھر ئېلىشىغا سۇنۇلىدۇ.

كونىلار: «كۈننىڭ باشلىنىشى تاڭدىن، ئىشنىڭ باشلىنىشى سالامدىن» دېگەنىكەن، شۇڭا بىز بۈگۈن سەھىپىمىزنىڭ رەسمىي سانى باشلىنىشتىن ئېلگىرى بۇ سەھىپىمىز ئارقىلىق ئەزىز خەلقىمىزگە سالام يوللاشنى مۇۋاپىق تاپتۇق. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداش، دوست-يارەنلەرگە بىزدىن ئوتلۇق سالام بولسۇن! شۇ ۋەجىدىن بۈگۈنكى پروگراممىمىزنى مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۆسەننىڭ «سالام دەڭلار ۋەتەنگە» ناملىق ناخشىسى بىلەن باشلاشنى لايىق تاپتۇق.

مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۆسەن 1959-يىلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ھەمدە كېيىنكى مەزگىللەردە سەنئەت ساھەسىدە يۇقىرى شۆھرەت قازانغان. سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى سەرسانلىقتا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئوت يۈرەك سەنئەتكار كۈرەش كۆسەن 2006-يىلى 48 يېشىدا شىۋېتسىيەدە ۋاپات بولغان ئىدى.