ئەرك كۈيچىسى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئۆگۈتلىرىدىن بىر قەترە
2021.11.21
بۇ يىل 5-ئۆكتەبىر 20-ئەسىردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەشھۇر ئەدىب، ئالىم مەرھۇم ئابدۇرەھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى.
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر 1923-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل دىيارىدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇم ئالىمنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھاياتىنىڭ قىران پەيتلىرى خىتاي زىندانلىرى، ئەمگەك لاگېرلىرى ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى تەقىب-چەكلىمىلەر ئاستىدا ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بىر ئۆمۈر ئەرك كۈيلەپ، ئۆز خەلقىنى ھۆرلۈككە چاقىرىپ قەلەم تەۋرىتىشنى ئەسلا توختاتمىغان. ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىقى قەيت قىلىنىدىغان «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق نادىر تارىخىي رومانلارنى، «تارىم بويلارى»، «يۈرەك مۇڭلىرى»، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ئۆز خەلقىگە سۇنغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزتىراپ ۋە ئۆز خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر تۈپەيلى ھالسىرىغان يۈرىكى 1995-يىلى 5-ئۆكتەبىر بەختكە قارشى سوقۇشتىن توختىغان.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنتايىن تونۇشلۇق ئەدىبلەرنىڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ باققان، ياكى ئۇنىڭ ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ باققان كىشىلەر پەقەت ساناقلىقلا بولسا كېرەك.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان نەۋرە قىزى زۇلھايات ئۆتكۈر تەمىنلىگەن ئاۋاز ھۆججىتى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ لىكسىيە-ئۆگۈتلىرىنى نەق مەيداندىن زوق ئېلىش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولالمىغان بىر قىسىم ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئاۋازىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.
زۇلھايات ئۆتكۈرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سۆھبەت ئەينى يىلى خوتەندىكى شائىر روزى سايىتنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتا لېنتىغا ئېلىنغان بولۇپ، زور تارىخىي ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ئۇيغۇر سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئالىمجان ھاشىر «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» غا بېسىلغان «ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت يولى» ناملىق ماقالىسىدە، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا نىسبەتەن سەگەكلىك، كۆيۈم-مۇھەببەت بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ۋە ئۆڭمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇستازلارچە يول كۆرسىتىپ، ئىدىيە ۋە ئاڭ جەھەتتىن يېتەكلەپ ماڭغان پىداكار ئەدىبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇ يەنە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: «ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى. ئۇ بىر تۆھپىكار قەلەم ساھىبى، پەزىلەتلىك ئالىم، ئىستېداتلىق ئەدەبىي تەرجىمان، ھەممە جەھەتتىن خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا باي پىداكار ئەدەبىيات پېشۋاسىدۇر.»
دەرۋەقە، ئالىمجان ھاشىر يۇقىرىدا تىلغان ئالغان نۇقتىلار ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ زامانداش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قىلغان خىتابلىرىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر مەزكۇر ئۈن لېنتىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى مىللىي مەجبۇرىيەت توغرىسىدا قىممەتلىك بايانلارنى تەقدىم قىلىدۇ.
گېرمانىيەدىكى تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ئىلگىرى ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە بىر يۈرۈش قىممەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.
ئۇنىڭ پىكىرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى بەدىئىي شەكىلدە يورۇتۇپ بېرىش ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈرگەن بولسا، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىر-داستانلىرى ھەمدە «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» دىن ئىبارەت تارىخىي رومانلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى ئەبەدىيلەشتۈرگەن.