رەسسام گۈلناز تۇرسۇن: «مەن خەلقىمنىڭ قەلبىدە ئازادلىققا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى ئىستەيمەن»
2022.04.08

ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا قازاقىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈلناز تۇرسۇن خانىمنىڭ سەنئەت قارىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە 2017-يىلىدىن كېيىن كۆرۈنگەن ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئىشلەنگەن پروگراممىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدۇق. بۈگۈن گۈلناز تۇرسۇن خانىم بىلەن ئۇنىڭ يېقىنقى بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ سىزىلىش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلار ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. رەسسام سۆھبەت جەريانىدا ئەسەرلىرىدىكى رەڭلەر ۋە بەزى سىمۋوللۇق ئېلېمېنتلار ھەققىدە توختالدى.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئازادلىققا بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بالىلىرىمىزغا بىزنىڭ چارەسىز قالغانلىقىمىزنى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىزگە ياردەم قىلماي تەتۈر قارىۋالغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تارىختا قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەرنى قۇرغان ئۇلۇغ خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىيىن كۈنلەرنى ئاتلىتىپ، ھۆر بولىدىغان كەلگۈسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇيغۇزۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.»