پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ھالقىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن
2025.02.25

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى باشلىغانىدى. ئۇ، 21-فېۋرال كۈنى مەبلەغ سېلىش، سودا ۋە باشقا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە خىتاينى نىشان قىلغان بىر مۇھىم بۇيرۇق ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بۇيرۇق كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «دۆلەت بىخەتەرلىكى پىرېزىدېنتلىق بۇيرۇقى» ئامېرىكانىڭ «چەت ئەل مەبلەغلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى» (CFIUS) تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ «خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ تېخنىكا، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە، ساقلىق ساقلاش، دېھقانچىلىق، ئېنېرگىيە، خام ئەشيا قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش؛ ئامېرىكانىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە مۈلۈكلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەش؛ شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا مەبلەغ سېلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش؛ شېرىك دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلىك ساھەلەردە ئامېرىكانىڭ رەقىبلىرى بىلەن ھەمكارلاشماسلىقىنى شەرت قىلىش؛ ئامېرىكانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت تېخنىكىسى، بىئو-تېخنىكا، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق سەزگۈر تېخنىكىلاردا خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەيدىغان يېڭى ۋە كېڭەيتىلگەن چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇش» قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ۋاشىنگتونغا جايلاشقان سىياسەت تەتقىقات مەركەزلىرىدىن «گېرمان-مارشال فوندى» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت خىزمىتى يېتەكچىسى پېننىي ناس (Penny Naas) نىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۇيرۇق سابىق پىرېزىدېنت بايدىن مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى يەنىمۇ چىڭىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:
«خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سېلىۋاتقان مەبلىغى ئاللىقاچان ئامېرىكانىڭ ‹چەت ئەل مەبلەغلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى› تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانىدى. بۇ يېڭى بۇيرۇق ئارقىلىق ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئالاھىدە ھالقىلىق كەسىپلەرنى نىشانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى ھەل قىلماقچى بولغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يۇقىرىدىكى كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ.»
ئاقساراي پىرېزىدېنت ترامپ ئېلان قىلغان يۇقىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق بۇيرۇقى ھەققىدىكى باياناتىدا بۇ بۇيرۇقنىڭ خىتاينى نىشان قىلغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنۇلار دېيىلگەن:
«بۈگۈن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى رەقىب دۆلەتلەردىن بولۇپمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق رەقىب دۆلەتلەردىن قوغداشنى مەقسەت قىلغان دۆلەت بىخەتەرلىكى پىرېزىدېنتلىق بۇيرۇقىنى(NSPM) ئىمزالىدى… خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەر ئامېرىكا شىركەتلىرىگە سىستېمىلىق ھالدا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلىرىگە ئېرىشىپ كەلدى. . . خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ 27 ئىشتاتىدا 350 مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرى بار. . . خىتاي بىزنىڭ كاپىتالىمىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىمىزدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي، ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار، تور ئۇرۇشى ۋە باشقىلار ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.»
«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» ژۇرنىلىنىڭ ئاقساراي مۇخبىرى كىرىستىن داتوك (Christian Datoc) نىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا پەن-تېخنىكىسى ۋە دېھقانچىلىق ساھەسىگە سالغان مەبلىغىنىڭ ئاقىۋىتىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە بىزگە يازغان ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:
«خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسى ۋە دېھقانچىلىقىغا سالغان مەبلىغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەر پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولۇپ، بۇ ئەمدى بىر پارتىيەنىڭ مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ كەتتى. پىرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سابىق پىرېزىدېنت بايدېن ھەر ئىككىسى بۇ مەسىلىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكالىقلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى بولسۇن ياكى خىتاينىڭ ئامېرىكادا سېتىۋالغان يەرلىرى بولسۇن بۇلار ھەممىسى كۈچلۈك دىققەت قوزغايدۇ. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئامېرىكادا سېتىۋالغان يەرلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى تېرىلغۇ ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بىر قىسىملىرى بولسا ھەربىي بازىلارغا يېقىن. بىز خىتايدىن بۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىشتىكى مەقسىتىنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك، خىتاينىڭ ئۇنى ئامېرىكالىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزلەپ سېتىۋالمىغانلىقى ئېنىق.»
كىرىستىن داتوكنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي ماللىرىغا ۋە ھەمدە ئاليۇمىن، پولات قاتارلىقلارغا قويۇلۇۋاتقان باجنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلار ئۈچۈن باھانىڭ قىممەتلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئاق ساراي بۇنى رەت قىلمىسىمۇ ئەمما بۇنى ۋاقىتلىق ئەھۋال، دەپ قارايدىكەن.
«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» نىڭ ئاقساراي مۇخبىرى كىرىستىن داتوك يېقىندا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋاررونى زىيارەت قىلغان بولۇپ، پېتېر ناۋاررو ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى ئىستراتېگىيەسىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ، پولات، ئاليۇمىن قاتارلىق مەھسۇلاتلار ۋە ھەمدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارغا قويۇلۇۋاتقان تاموژنا بېجىنىڭ پەقەت سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كىرىستىن داتوك رادىيومىزغا مۇنداق دەيدۇ:
«پىرېزىدېنت ترامپ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە باشلىغاندەك، ئۇ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن قايتا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ترامپ ئالدىنقى قېتىم خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا %10 تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، خىتايمۇ ئامېرىكانىڭ بىر تۈركۈم تاۋارلىرىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. ئەمدى خىتاينىڭ بۇ ‹دۆلەت بىخەتەرلىكى پىرېزىدېنتلىق بۇيرۇقى› غا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى، بۇنىڭ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ھازىرچە قېيىن. بىز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھازىر رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ تىرامپنىڭ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرى ياكى سۆھبەتلىرى سەۋەبىدىن بولۇۋاتامدۇ؟ مەنچە بۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئايدىڭلىشىدۇ.»
خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكانىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى پىرېزىدېنتلىق بۇيرۇقى» نى تەنقىد قىلىپ، «ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە سودا مەسىلىلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ،» دېگەن.
بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدىكى خىتاينى نىشان قىلغان تەدبىرلىرى داۋاملىق چىڭىيىپ ماڭىدىكەن. «گېرمان-مارشال فوندى» دىن پېننىي ناس بىزگە مۇنداق دەيدۇ:
«ئامېرىكا بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي مەبلىغىگە ئالاھىدە دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا قىزىل رەقىمىنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى مۈلۈكلىرىنى ئازايتىش ئىرادىسى ئۇنىڭ داۋاملىق ھالدا مۇشۇنداق بېسىم سىياسەتلىرىنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»
دەرۋەقە، يۇقىرى دەرىجىلىك سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋاررو كىرىستىن داكوتقا قىلغان سۆزىدە، پات يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئاپتوموبىل ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق قوشۇمچە ساھەلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ناۋاررو بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، «دۆلەت بىخەتەرلىكى پىرېزىدېنتلىق بۇيرۇقى» ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسى، يېمەكلىك تەمىناتى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، قېزىلما بايلىق، تەبىئىي بايلىق، پورت ۋە تىرانسپورت ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنىڭ بۇندىن كېيىن قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بۇ قەدەملەر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاينى نىشان قىلىشتا ھازىرغىچە ئالغان ئەڭ كۈچلۈك ۋە كۆلەملىك ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.