ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نەزەرىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق ئەھۋالنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرۇلۇق ھەر تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
ئامېرىكادا چىقىدىغان «دىپلوماتىيە» ژۇرنىلىدا يېقىندا «خىتاي رىقابىتى ئامېرىكانى كۈچلەندۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا رىقابەت نېمە ئۈچۈن ئامېرىكادىكى «زاۋاللىققا يۈزلىنىش» تەرەپدارلىرىنىڭ خاتالىشىدىغانلىقىنى قايتا ئىسپاتلىيالايدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىلگەن.
ماقالىدە ئاساسەن خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشى ئامېرىكانى كۈچلەندۈرىدۇ، ئامېرىكا زاۋاللىققا يۈزلەندى دېگۈچىلەر ئاخىرىدا يەنىلا خاتالىشىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا تارىختا ھەر قېتىملىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىسقا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭدىن غالىب كەلگەن. ئامېرىكا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، كۈچەيتىپ بارالايدىغان دۆلەت، ئامېرىكانىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يەنىلا كەڭ، شۇڭا ئامېرىكا خىتايدىن كېلىدىغان خىرسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى قايتا گۈللەندۈرەلەيدۇ دېگەن نۇقتىئەزەر يورىتىپ بېرىلگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى كرىزىس تۇيغۇسى تارىختىن بېرى مەۋجۇت، ئەمما ھەر قېتىملىق كىرزىستىن كېيىن بىر تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، 1930-يىلدىكى ئىقتىسادىي كىرزىستا ئامېرىكا خارابلىشىپ كەتكەن، ئەمما پرېزىدېنت روزۋېلىت يېڭى سىياسەت يۈرگۈزۈپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قايتا گۈللەندۈرگەن؛ تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە مائارىپقا ھۆكۈمەتتىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكانى پەن-تېخنىكىدا ئالدىدا ماڭىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. ئامېرىكا 60-، 70-يىللاردىكى سىياسىي داۋالغۇش، 80-يىللار ۋە 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى مالىيە كرىزىسى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن؛ ئەمما ئامېرىكا ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنقىلاۋىدىن پايدىلىنىپ قايتىدىن كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. 2008-يىلدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئاجىزلىتىپ دۇنيا خوجايىنلىقىنى تالىشىش ئۇرۇنۇشلىرى ئامېرىكانى قايتا كرىزىسقا دۇچار قىلغان بولۇپ، بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار «ئامېرىكا زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىسا نەچچە ئون يىلدىن كېيىن قالاق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ماقالىدە «ئامېرىكا زاۋاللىققا يۈزلەندى» دەيدىغان بۇ خىل تەقدىرچىلىق ئىدىيەسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، «ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاجىزلىشىش ۋە خاراپلىشىشنى بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە دېگەندىن كۆرە ئۇنى بىر خىل تاللاش دېگەن تۈزۈك؛ ئامېرىكا ھەر قېتىم كرىزىسقا پاتقاندا ئىككى پارتىيە ھەمكارلىشىپ چىقىش يولى ئىزدەيدۇ. ئامېرىكا ھازىر خىتاينىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق پىكىر، ئورتاق نىشانغا كېلىشى دەل مۇشۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئامېرىكا چوقۇم خىتاينىڭ رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك» دېيىلگەن.
بۇ ماقالىدە خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەرلىك دۈشمەن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دۇنيانىڭ بايلىقىنى تالىشىشتا ئامېرىكاغا رىقابەت ئېلان قىلىۋاتقان دۆلەت دېگەن قاراش تەكىتلەنگەن بولۇپ، «ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇلاڭچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ئىقتىسادىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكادىكى خىزمەت پۇرسىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ۋە ئىمپورتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر ئىشخانىنى تەسىس قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ باشلامچى كارخانىلىرى بىلەن بولىدىغان رىقابەتتە بازارغا تايىنىپلا غەلىبە قازانغىلى بولمايدۇ، چوقۇم پەن-تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىشنى قوللاش، ئىشچىلارنى يۆلەش لازىم» دېيىلگەن.
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىقتىسادىي رىقابەتتىن باشقا يەنە ئاڭ ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ «ئىلغار مەدەنىيەت چوقۇم ئۈستۈنلۈكنى ساقلىشى كېرەك» دېگەن دۇنيا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى شۇنىڭغا قاراپ بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي قەرتىنى ئوينىماقچى بولسا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. خىتاي بىلەن بولىدىغان رىقابەتتە ئۇنىڭ بىلەن توقۇنۇشنىڭ ياكى ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئامېرىكانىڭ ئاسىيالىق ئامېرىكىلىقلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن خىتاي خەلقىنى ۋە ئامېرىكالىق خىتايلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشى، سىياسىي ئوت قۇيرۇقلۇق ۋە ئىرقچىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە بالدۇرراق سىگنال بېرىشى كېرەك».
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىنسانلارنى كوممۇنىزم ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا كىرگەنلىكىنى، لېكىن بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇنداق ئۇرۇشنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ماقالىدە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايغا ئىجادىي سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئامېرىكا ئۆزىنى كۈچلەندۈرەلەيدۇ ھەمدە خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىمۇ ئامېرىكانى زاۋاللىققا يۈزلىنىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ. ھالبۇكى ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماسلىقى، ئاكتىپ ئۇسۇللارنى ئىزدەپ تېپىپ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئەركىن مىللەتپەرۋەرلىكنى تەكىتلىشى كېرەك».
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى غەرب مەدەنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دېموكراتىيە سىستېمىسىنىڭ ھەر قېتىم كرىزىس ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي مەدەنىيىتىدە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك دېگەن نەرسىنىڭ ئاساسەن يوقلۇقىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ بۇ رىقابەتتە ھامان غالىب كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئامېرىكا بۇ كۈرەشتە خىتاينى مەغلۇپ قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى.