خىتاي تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرماقچى

0:00 / 0:00

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «نۇر تورى» 12-فېۋرال ئاتالمىش 4-نۆۋەتلىك «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلىسۇن» ناملىق قىسقا فىلىم مۇسابىقىسىگە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان تارقاتقان. مەزكۇر پائالىيەت 2021-يىلىلا يولغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشىدىكى مۇھىم بىر تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلانماقتا. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ زادى قانچىلىك بولۇشىدۇر.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرى، ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى خەلقئارا ئۇچۇر مۇھىتىنى ئۆز تەشۋىقاتى بىلەن تولدۇرۇش، باشقىلارنىڭ خىتاي ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىش يوللىرىنى توسۇش، ھەمدە ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي سىياسىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتىپ، خەلقئارادا خىتاينى ھەقلىق كۆرسىتىدىغان خاتا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىش؛ يەنە بىرى، قارشى پىكىردىكىلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ، تور دۇنياسىدا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەش ئارقىلىق، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلغان. دېمەك بۇنىڭدىن بىز، خىتاينىڭ ئۆزىچە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇرغا تايىنىپ تور دۇنياسىنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايغا قارشى ئاۋازلارنى باستۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. مىسالغا ئالساق، خىتاي ئالدى بىلەن تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» غا دائىر ساختا ئۇچۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان. ئاندىن بۇ ئۇچۇرلارنى زور مىقداردىكى تور ساقچىلىرى ئارقىلىق «قوللاش» قا باشلىغان. قوللاشلار بەلگىلىك كۆلەمگە يەتكەندىن كېيىن، بىردىنلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان كىشىلەر، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، پائالىيەتچىلەرگە تۈرلۈك شەكىلدە ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن ۋە بۇ ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە «جامائەت پىكرى» پەيدا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تور يۈزىدە خىتاينى قوللايدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىدەك ھەقىقەتلەرنى بۇ شەكىلدە يوشۇرماقچى بولغان. خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇرلارغا تايىنىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىغا دائىر ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار تولىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باش ئىشتابى ۋېرجىنىيەدە بولغان نىسوس (Nisos) ئۇچۇر شىركىتى 2022-يىلى ئاپرېلدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. مەزكۇر دوكلاتتا 648 تۋىتتېر (ھازىرقى X) ئاكونتىنىڭ جەمئىي 2800 گە يېقىن شىنجاڭ، مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى كىشىلىك ھوقۇق ھاشتەگى ئاستىدا ئۇچۇر ئېلان قىلغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ ئۇچۇرلار ناخشا-ئۇسسۇل، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي مەنزىرە، سۆرەت قاتارلىق قارىماققا زىيانلىق ئۇچۇر ئەمەستەك كۆرۈنىدىغان مەزمۇنلار بىلەن بىرگە، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ ھەقتە «خىتاي ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغان بۇ خىل ئۇچۇرلار ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنى ياخشى تۇرمۇشتا، بەختلىك كۈن كەچۈرۈۋاتقاندەك كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنى قوللانمىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشتا كۈچلۈك قورال قىلغان» لىقى بايان قىلىنغان. بۇلاردىن سىرت، نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بېرىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغا قىسمەن يول قويۇلۇشىمۇ، ئوخشاشلا خىتاينىڭ تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشنى نىشان قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ھەقتە، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئارخىپ ئامبىرى ئىشلەپ تارقاتقان 3 قىسىملىق گۇۋاھلىق فىلىمى كۈچلۈك دەلىل بولالايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ تور دۇنياسىدا قىسقا فىلىم تارقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرماقچى بولۇشى بىر ئەخمىقانىلىك بولۇپ، بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئوبيېكتىپ ھەقىقەتلەرنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە كىشىلەرگە بىر خىل ئىنچىكە پىلانلانغان ئاخبارات ئۇرۇشىدەك تۇيغۇ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى، ئاتالمىش «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلىسۇن» پائالىيىتى، ئاتاقتا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىن قىسقا فىلىم يىغىش ئارقىلىق، يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەلدىكى تور چولپانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى تەسىراتىنى ئورتاقلىشىدىغان بىر سۇپىدەك كۆرسىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل فىلىملارنى يىغىش ۋە تارقىتىش شەكلىدىن كۈچلۈك سىياسىي پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەتتا خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى تور چولپانلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ بارلىق سۆز-ئىبارىلىرى ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشى ۋە نازارىتىدىن ئۆتۈشى ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئۇسلۇبىغا ماسلىشىشى كېرەك. ھەقىقىي ئۇيغۇرلار بۇ خىل تەشۋىقاتقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس. شۇڭا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنچىكە تاللىشىدىن ئۆتكەن تور چولپانلىرىلا بۇ خىل قىسقا فىلىملار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختلىك تۇرمۇشى» نى تەشۋىق قىلالايدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان ئۇيغۇرلار بولسا غايىب قىلىنىش، نازارەتكە ئېلىنىش ياكى تېخىمۇ ئېغىر بولغان جازالارغا ئۇچرىشى تەبىئىي. مىسالغا ئالساق، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان مىرادىل ھەسەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرلار غايىب قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولغىنى يوق.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ 1950-1970-يىللاردىكى سىنىپىي دۈشمەنلەرنى يوقىتىش ئۇسۇلى بولغان «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» بويىچە يوچۇق قالدۇرماي نازارەتتە تۇتۇش شەكلىدە ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل ئۇسۇل نۆۋەتتىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشكە بولىدىغان بارلىق ئىمكانلىرى يوقىتىلغان. بۇنداق شارائىتتا بەزى ئۇيغۇرلار ئامالسىز خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىشقا مەجبۇر بولغان. بىر قىسىم ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى ئۇيغۇرلار «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېكرانغا چىقىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ مېھىر-شەپقىتىگە رەھمەت بىلدۈرۈشى» نىڭ كەينىدە، تۈرلۈك بېسىم ۋە قورقۇتۇشلارنىڭ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇلاردىن باشقا، خىتاي يەنە خىتاي ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم خىتايپەرەسلەرنى مەنپەئەت بىلەن سېتىپ ئېلىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىغا سالغان.

يىغىنچاقلىغاندا، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تور تەشۋىقاتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە غەربنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى كۈچلۈك تەنقىدلەشكە مەركەزلەشكەن. خىتاينىڭ بۇ خىل ھاكىمىيەت كۈچى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقات ئۇرۇشىغا ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ مەقسەتلىك تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بارلىق سىن ياكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىنىشى، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا بولغان گۇمانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەسلىكى زۆرۈر. ئاتالمىش «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلىسۇن» تەشۋىقات سۇپىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى ئاڭلىتالايدىغان بىر سۇپا ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن تەشۋىقات سۇپىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا تىرىشىشى كېرەك. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىلا، ئاندىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشىگە پۇرسەت تۇغۇلىدۇ.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]