خىتاي ئۆلكىسىدە تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان غايىب مىرادىل ھەسەن باياناتلىرىنىڭ بىرىدە ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن شېرىكلىشىپ، لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر زاۋۇتنىڭ شېنجېندىكى ئىشخانا خادىمى ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇدا لاگېردىن يۆتكەپ كېلىنگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
غايىب مىرادىل ھەسەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۇرۇپ بەرگەن باياناتىدا ئاقسۇدىكى جېجاڭلىق خىتايلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان خۇافۇ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. توردىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى جېجاڭ ئۆلكىسىدە 2011 -يىلى قۇرۇلغان خۇافۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ شېنجېن ۋە «شىنجاڭ» شۆبىلىرى مەۋجۇت ئىكەن. شىركەتنىڭ «شىنجاڭ شۆبىسى» نىڭ ئاقسۇدا 12 ئورۇندا زاۋۇت فابرىكىلىرى بار ئىكەن.
غايىب مىرادىل ھەسەن باياناتىدا، خۇئافۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن جۈملىدىن ئۇچتۇرپان دائىرىلىرى بىلەن بەلگىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن شېرىكلەشكەنلىكى ۋە لاگېردىكىلەرنى خۇئافۇ زاۋۇتىدىكىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى. ئۇچتۇرپان دائىرىلىرى، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى كەسكىن رەت قىلدى،
توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىرادىل پاش قىلغان فابرىكا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېچىۋېتىش رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئاقسۇدىكى فابرىكىلارنىڭ ئىچىدىكى نىسبەتەن كۆلىمى چوڭراقى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاقسۇدىكى شۆبە ۋە فابرىكىلىرىنىڭ تېلېفونلىرى ئېلىنمىغاندىن كېيىن، شېنجېندىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە شىركەتنىڭ جېجاڭدىكى ئىشخانىسىدا 100 نەچچە، شېنجېندىكى شۆبىسىدە 20 نەچچە خىزمەتچىسى بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى مەمۇرىي ۋە سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن. ئاقسۇدىكى تارماقلىرىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ بۇلار ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل ئىكەن. دېيىلىشىچە ئاقسۇدا ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق خام ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. بىز بۇ خادىمدىن شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ تەركىبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. بىز ئۇنىڭدىن شىركەتنىڭ شېنجېن ۋە جېجاڭ شۆبىلىرىدە ئۇيغۇرلار بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «يوق» دەپ جاۋاب بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئاقسۇدىكى زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشچى ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىدى.
بىز مەزكۇر خادىمدىن بۇ شىركەتنىڭ ئاقسۇدىكى فابرىكىلىرىدا لاگېردىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئىشچىلار بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالىمىزغا «بار» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن سانىنىڭ جەمئىي قانچە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، لاگېردىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئىشچىلار سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بىز ئۇنىڭدىن بۇ لاگېردىن يۆتكەپ كېلىنگەنلەرنىڭ قانچىلىك مائاش بىلەن، قانداق شارائىتتا، قانداق كېلىشىم بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە شىركەتنىڭ جېجاڭدىكى باش ئىشخانىسى بىلەن كۆرۈشۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما جېجاڭدىكى باش شىركەت خادىمى، شىركەتنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يەنە مىرادىل ھەسەن ئاشكارىلىغان بىر ئۇچتۇرپانلىق قىزنىڭ خۇافۇ فابرىكىسىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن ئىلگىرى ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى خانزۆھرە سەيدەخمەت ۋە ئارزۇگۈل سەمەت ئىسىملىك ئىككى قىزنىڭ لاگېردىن چىقىپ ئائىلىسىدە بىر كۈنلا تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن زاۋۇتقا ئەكېتىلگەنلىكى يەرلىك ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا غايىب مىرادىل ھەسەن پاش قىلغان خۇافۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ ئاقسۇدىكى فابرىكىلىرىدا لاگېردىن يۆتكەپ كېلىنگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ مەجبۇرى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00