شائىر نۇرئەخمەت ئەخمەتوف: «ئەلنىڭ غېمى ھەممىسىدىن مۇقەددەس»

0:00 / 0:00

«شائىر ئەھلى خەلقى بىلەن ھەمنەپەس، ئەلنىڭ غېمى ھەممىسىدىن مۇقەددەس.» دەپ نىدا قىلىدۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇر شائىر نۇرئەخمەت ئەخمەتوف شائىرلارنىڭ بۇرچى ھەققىدە يازغان بىر پارچە شېئىرىدا.

شائىر نۇرئەخمەت مىرزائەلىم ئوغلى ئەخمەتوف 1951-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق كىچىك مازار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1962-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستاننىڭ ھازىرقى پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ پەنجىم يېزىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشىغا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 1949-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن كۆپلىگەن سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى سەۋەب بولغان. شائىرنىڭ دادىسى ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن كوللېكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.

نۇرئەخمەت ئەخمەتوف دەسلەپتە پەنجىمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئاندىن ياركەنت شەھىرىدىكى ھازىرقى خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1969-يىلى ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدىكى دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى 1974-يىلى تاماملىغان ۋە كېيىنكى يىللىرى ئىلگەركى پانفىلوف ناھىيەلىك «يېڭىلىق ئاۋازى»، ھازىرقى «ياركەنت تەۋەسى» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن.

شائىر نۇرئەخمەت ئەخمەتوف مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىدىن تارتىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرىي ئەسەرلىرى 70-يىللاردىن باشلاپ مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئەدىبنىڭ ھەر خىل يىللىرى يورۇق كۆرگەن «ياخشىلىق ئىستەيمەن»، «دەردىڭ بىلەن ياشايمەن» ۋە ياش ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلانغان «رەڭمۇ-رەڭ ئالەم» ناملىق توپلاملىرىدا شېئىرلىرى ۋە داستانلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ «باھار چەشمىلىرى»، «ۋەسىيەت»، «بۇلاقلار»، «ئانا يۇرتقا مۇھەببەت» ناملىق ئەسەرلىرى توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.

1991-يىلى نۇرئەخمەت ئەخمەتوفنىڭ ئىجادىيىتى يۇقىرى باھالىنىپ، ئۇ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىيا بەختىيا نامىدىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئامانەتكە ياشىمايدۇ شائىرلار

ئامانەتكە ياشىمايدۇ شائىرلار،

ئۆمۈر بويى ئوت بوپ يېنىپ ئۆتىدۇ.

ھەر بىر تاڭدىن ئالىدىغان قەرزى بار،

تۈننى ئەمەس، شۇڭا تاڭنى كۈتىدۇ.

ئامانەتكە ياشىمايدۇ شائىرلار،

ئاتەش يۈرەك ئەمرى بىلەن ياشايدۇ.

ھە، يۈرىكى دائىم ئويغاق ھەم بىدار،

بىردە ئوتقا، بىردە سۇغا باشلايدۇ.

ئامانەتكە ياشىمايدۇ شائىرلار،

كۈرەشلەرنىڭ قاينىمىدا ياشايدۇ.

يۈرىكىدە كۈرەشچان روھ جۇش ئۇرار،

شۇ روھ بەزەن زىندانلارغا باشلايدۇ.

ئامانەتكە ياشىمايدۇ شائىرلار،

ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇلار چاققان چاقمىغى.

ھەقنى سۆزلەپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلەر،

شۇڭا قىيىن زامانىغا ياقمىغى. . .

ئامانەتكە ياشىمايدۇ شائىرلار،

ۋە شەنىنى،

غۇرۇرىنى ساتمايدۇ.

ئامانەتكە كۈنىن كۆرسە گەر ئۇلار،

ئۆز خەلقىنىڭ گېپى ھەرگىز ئاقمايدۇ! ! !

ھارارەتلىك قەلب ئىگىسى شائىرلار،

ھەر سۆزىدە يۈرىكىنىڭ تەپتى بار.

كۆرۈنۈشتە ئەجەب ئاددىي يۈرسىمۇ،

خەلقى بىلەن ۋەتىنىدىن گەپ قىلار.

ئۆمرى ئۆتەر قىلىپ ئەلنىڭ غېمىنى،

ئەلگە ئاتاپ تىككەن ھەتتا جېنىنى.

لازىم ئىكەن لاگېرلاردا شائىرلار،

شېئىر يازار سىيا قىلىپ قېنىنى.

شائىر ئەھلى خەلقى بىلەن ھەمنەپەس،

ئەلنىڭ غېمى ھەممىسىدىن مۇقەددەس.

ئېتىقاد ھەم غايە ئۈچۈن جاننىمۇ،

پىدا قىلىش ھېچ قانچە ھەم گەپ ئەمەس!

ئايىمايدۇ، ئۆزىن ئوتقا سالىدۇ،

ئوتتا كۆيۈپ، مەشئەل بولۇپ يانىدۇ.

شائىر ئەھلى بىر ئانىدىن تۇغۇلۇپ،

بىر مىللەتنىڭ ئوغلى بولۇپ قالىدۇ! ! !